مەكتەپلەرنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش تەلەپ قىلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-17 17:38

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مەملىكەتلىك مەكتەپ، يەسلى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتى تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى تۈنۈگۈن ئېچىلدى. يىغىندا، يەرلىك ۋە مەكتەپلەردىن مەكتەپلەرنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئەتراپىدىكى ئىشلەپچىقارغان زاۋۇتنىڭ ئىسمى يوق، ئىشلەپچىقارغان ۋاقتى يوق، ئىشلەپچىقىرىش ئادرېسى يوقتىن ئىبارەت ئۈچ نەرسىسى يوق مەھسۇلاتنى سېتىش قاتارلىق يوشۇرۇن خەتەرلەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىندى.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، مەكتەپلەر يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تاماق بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورۇنلارنى تاللاشتىكى باش ئۆلچەم قىلىپ، يېمەكلىك كىرگۈزۈش مەنبەسى، تاماق بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورۇن قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئاشكارىلىشى كېرەك؛ مەكتەپلەر يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئەھۋالىغا قارىتا قەرەللىك ھالدا ئۆزلىرى تەكشۈرۈشى، يەرلىكتىكى باشقۇرۇش تارماقلىرىمۇ مەكتەپلەرنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشىغا بولغان نازارەت، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەكتەپ، يەسلىلەرنىڭ يېمەكلىكلىرى، تاماق ئېتىدىغان جايلىرىنى ئوچۇق كۆرۈپ نازارەت قىلىش قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يىل ئاخىرىغىچە %70 ئەتراپىغا يەتكۈزۈش كېرەك. مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك بازار نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق ئۈچ تارماق بىرلىكتە ئېلان قىلغان «مەكتەپلەرنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە ئوزۇقلۇق ساغلاملىقىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» كېلەر ئايدىن تارتىپ يولغا قويۇلىدۇ.

مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى جۇڭ دېڭخۇا مۇنداق دېدى: ھەر قايسى مەكتەپلەر يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى شەرت. مەكتەپلەر، يەسلىلەرنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە مەكتەپ مۇدىرى، يەسلى مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى يوشۇرۇن خەتەرلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قەرەللىك تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش كېرەك؛ مەكتەپلەر مەخسۇس يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرغۇچىلار ۋە ئوزۇقلۇق ساغلاملىقىنى باشقۇرغۇچىلارنى سەپلىشى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر، يەسلىلەردىكى ھەر قېتىملىق تاماقتا مەكتەپنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە غىزالىنىشى لازىم.

يىغىندا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 15-مارت كېچىلىكىدە ئاشكارىلانغان ئۈچ نەرسىسى يوق يېمەكلىك لازا قەلەمچىسىنى ياساش، سېتىش قارا كەسىپ زەنجىرى ھەققىدە مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى: ئاشكارىلانغان بۇ مەسىلە نۆۋەتتە مەكتەپ ۋە يەسلىلەرنىڭ ئەتراپىدىكى يېمەك-ئىچمەك سېتىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا يەنىلا يوچۇق ۋە كۆرۈنمەس رايوننىڭ ساقلانغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، ئالاقىدار رايونلار ۋەقەگە چېتىشلىق كارخانىنى دەرھال تەكشۈرۈشى، مەكتەپ ۋە يەسلىلەرنىڭ ئەتراپىدىكى ئۈچ نەرسىسى يوق يېمەكلىك سېتىش تور نۇقتىلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈشى كېرەك.