جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:
ئېلىمىز 7-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 11 دىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە، شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە، ئۇزۇن سەپەر 2-نومۇرلۇق C توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق، يىراقتىن سېزىش 30-نومۇرلۇق 05 گۇرۇپپا سۈنئىي ھەمراھىنى ئالەم بوشلۇقىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى، سۈنئىي ھەمراھ ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا كىردى.
يىراقتىن سېزىش 30-نومۇرلۇق 05 گۇرۇپپا سۈنئىي ھەمراھىدا كۆپ سۈنئىي ھەمراھ گۇرۇپپا تور ئەندىزىسى قوللىنىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئېلېكتىر ماگنېت مۇھىتىنى ئۆلچەش ۋە ئالاقىدار تېخنىكا سىنىقىغا ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ قېتىمقى قويۇپ بېرىش-ئۇزۇن سەپەر يۈرۈشلۈك توشۇغۇچى راكېتالىرىنىڭ 308-قېتىم ئۇچۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.