2025-يىلىغىچە يايلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ نىسبىتى %57 كە يەتكۈزۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-28 15:29

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ۋە يايلاق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جيەنلۇڭ 7-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى كۆكخوت شەھىرىدە ئېچىلغان مەملىكەتلىك يايلاق خىزمىتى يىغىنىدا، بىز 2025-يىلىغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يايلاقلارنىڭ چېكىنىش يۈزلىنىشىنى ئومۇمىي جەھەتتىن توسۇپ، يايلاقلارنىڭ ئۇنىۋېرسال يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %57 تىن ئاشۇرۇپ، يايلاق ئېكولوگىيەسىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، يايلاق سۈپىتىنى مۇقىم ئۆستۈرۈشكە كۈچ چىقىرىمىز دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز 2035-يىلىغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى چېكىنىپ كەتكەن يايلاقلارنى ئاساسەن تۈزەپ، يايلاقلارنىڭ ئۇنىۋېرسال يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %60 تىن كۆپرەك سەۋىيەدە مۇقىملاشتۇرۇپ، يايلاقلارنىڭ ئېكولوگىيە ئىقتىدارى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرىمىز دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىز يايلاقلارنى ئاسراش، باشقۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يايلاق كەسپىدە يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. 2018-يىلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يايلاق ئۇنىۋېرسال يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %55.7 كە يېتىپ، 2011-يىلىدىكىدىن 6.7 پوئېنت ئاشتى، تەبىئىي يايلاقلارنىڭ يېڭى ئوت-چۆپ مەھسۇلاتى بىر مىليارد يۈز مىليون توننىغا يېتىپ، ئۇدا سەككىز يىل بىر مىليارد توننىدىن يۇقىرى بولدى. يايلاقلارنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش كۆلىمى تۆت مىليارد 300 مىليون موغا يېتىپ، يايلاق ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %73 نى ئىگىلىدى.