تۆت مىنىستىرلىق باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-28 15:29

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

«ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىك، يېزا مىنىستىرلىقى ئۆگىنىش تەربىيەسى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلە تەكشۈرۈش، تۈزىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باشتىن-ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسى بىلەن كەسپىي خىزمەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئۆگىنىش، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي تۈزىتىشتە ھەقىقىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ ئۆگىنىش تەربىيەسىنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بىلىش، ئۆزلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم ۋەزىپە سۈپىتىدە پۈتۈن جەرياندا ئىزچىللاشتۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، باش بولۇپ مەسئۇلىيەت، مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نىشان، ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسى پۈتۈن سىستېمىدىن شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك ئىدىيەسىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، تېجەشلىك بولۇش، ئاسراشنى ئالدىغا قويۇش، تەبىئەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېرىشىپ ئاساسلىق يۆنىلىش قىلىپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، يايلاق-ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، تەبىئىي بايلىقنى ئەڭ قاتتىق تۈزۈم، ئەڭ قاتتىق قانۇنچىلىق بىلەن قوغداش تەلىپى بويىچە، تەبىئىي بايلىقنى باشقۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك خىزمەت مېخانىزمى، خىزمەت تەدبىرىگە ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەسىلىلەرنى قاتتىق، ئەمەلىي تەكشۈرۈپ، چىڭ تۇتۇپ تۈزىتىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پائال ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ئۆگىنىش جەريانىدا، كۆپچىلىك مۇھىت ئاسرىغۇچىلارنىڭ ئەسلى مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، كەسىپنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆز مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىكى تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى قەدىرلەپ، غايە ۋە مەسئۇلىيەتتە، ئەستايىدىللىق ۋە تەلەپچانلىقتا چىڭ تۇرۇپ، تۆھپە پەقەت ماڭىلا مەنسۇپ ئەمەس، ئەمما تۆھپە يارىتىشقا مەنمۇ قاتنىشىمەن دېگەن يۈكسەك مەنزىل، پۇختا، ئەستايىدىل ئىشلەيدىغان غەيرەت، جاسارەت بىلەن ئالغان ئىلگىرىلەپ، مەڭگۈ بىخەستەلىك قىلماسلىق روھىي ھالىتى ۋە دادىل ئىشلەش، توختىماي ئالغا بېسىش كۈرەش قىياپىتى بىلەن قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئېغىر ۋەزىپىنى باتۇرلۇق بىلەن ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۇچىلىق مىنىستىرلىقى تۆتكە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئۆگىنىش، مۇھاكىمىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر، ئەمەلىي بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن باشلاش، يۇقىرى سۈپەتتە ئىلگىرى سۈرۈشكە پۇختا ئاساس سالدى، يەنى دىققەتنى تەربىيەنىڭ باش تېمىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش مەخسۇس تېمىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى؛ دىققەتنى ئەسلى ئەسەرنى ئوقۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈشنى كۈچەيتتى؛ دىققەتنى ئىدىيە ئالماشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، مۇھاكىمىنى چوڭقۇرلاشتۇردى؛ دىققەتنى ئەسلى مەقسەت ۋە بۇرچقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش ۋاسىتىسىنى بېيىتتى.

يېزا ئىگىلىك، يېزا مىنىستىرلىقى ئۆگىنىش بىلەن ئىشلەشنى بىرلەشتۈرۈش، تەكشۈرۈش بىلەن تۈزىتىشنى تۇتاشتۇرۇش، ئۆز ئارا گىرەلەشتۈرۈش، بىر پۈتۈن ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى. يېزا ئىگىلىك، يېزا مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر، دېھقانلارنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان قىزىق ۋە قىيىن نۇقتىلىق مەسىلىلەر، مىنىستىرلىق سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى دۇچ كەلگەن تەخىرسىز مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش، تۈرلۈك خېيىم-خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ھەم ئۇنى تۈگىتىشنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.