لى جەنشۇ خۇنەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-28 15:29

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 7-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە خۇنەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

لى جەنشۇ خۇنەن ئۆلكىلىك 1-سىفەن داشۆسىنىڭ كونا ئورنىغا بېرىپ، ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق پېشقەدەم ئىنقىلابچىلارنىڭ بۇ مەكتەپتىكى ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە ئىنقىلاب پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىنقىلاب روھىغا ۋارىسلىق قىلىشقا يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

لى جەنشۇ جۇجۇ شەھىرىگە بېرىپ، دورا باشقۇرۇش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە بىرلەشتۈرگەن ھالدا قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىگە كىرىپ، ئاممىدىن كېسەل كۆرسىتىپ، دورا ئېلىشنىڭ قولاي-قولاي ئەمەسلىكىنى، دورا باھاسىنىڭ يۇقىرى ياكى يۇقىرى ئەمەسلىكىنى سورىدى، دورا كارخانىلىرىغا بېرىپ دورا تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، دورا باشقۇرۇش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ھەققىدە پىكىر ئالدى، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ھەققىدىكى تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىل ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ساداسىغا ئىنكاس قايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداپ، ھەر بىر قانۇننى چىقىرىشتا ئاساسىي قانۇننىڭ روھىغا ئۇيغۇنلىشىپ، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىش كېرەك.

لى جەنشۇ خۇنەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنىغا بېرىپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ۋە يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئورگان كادىرلىرىنى ئۆز خىزمەت ئورنىدا ئەسلى مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن ئىش قىلىپ، خەلقكە تايىنىش خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە باشتىن ئاخىرى چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك ئەسلى مەقسەت ۋە بۇرچ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى خىزمىتى ھەققىدىكى مۇھىم يول يورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ قوللانمىسى قىلىپ، يەرلىك پارتكوملارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چوڭ سىياسەت فاڭجېنلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەققىدىكى ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۆرىدەپ، يەرلىكنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىجادىي ھالدا ياخشى ئىشلەش كېرەك.

لى جەنشۇ خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «تۆت جايىدا بولۇش» تەلىپى بويىچە، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن ئاخىرى يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. مەسىلە ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، رەتكە سېلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خۇنەننىڭ خىزمىتى ھەققىدىكى يول يورۇقىنىڭ تەلىپىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باي-باياشات، گۈزەل، بەختلىك يېڭى خۇنەننى تېزدىن قۇرۇپ چىقىش كېرەك.