مەملىكەتلىك ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى ئېچىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-28 15:29

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مەملىكەتلىك ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىق سالدى.

تەستىقتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىق ساپاسىنى ئاشۇرۇشنىڭ تۆھپىسى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىپادىلىنىدۇ، دۆلەتكە، خەلققە پايدىلىق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جايلار ۋە تارماقلار خەلق ساغلاملىقى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېببىي دورا-سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئاشتى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ساقلىق ساقلاش، ساغلاملىق ئىدىيەسى ۋە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە تارماقلار ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەر بىر كىشى ئۆز ساغلاملىقىنىڭ بىرىنچى مەسئۇلى دېگەن ئىدىيەنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، ساغلاملىق ساۋاتلىرىنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇپ، شەخس ۋە ئائىلىنى ساغلاملىق ھەرىكىتىگە پائال قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، «كېسەل داۋالاشنى مەركەز قىلىش»تىن «خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى مەركەز قىلىش»قا بۇرۇلۇش ياساشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساغلاملىق ساپاسىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىق جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

گوۋۇيۈەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سۈن چۈنلەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.