«يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى. چەتئەللىك مۇتەخەسىس-ئالىملار ئاق تاشلىق كىتابقا ئىجابىي باھا بەردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-28 15:29

جۇڭگو ھۆكۈمىتى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى «يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى. بۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئېلان قىلىنغان تۇنجى ئۇنىۋېرسال دۆلەت مۇداپىئەسى ئاق تاشلىق كىتابى. چەتئەللىك مۇتەخەسىس-ئالىملار مۇنداق دېيىشتى: ئاق تاشلىق كىتابتا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتىنىڭ مۇداپىئە خاراكتېرى شەرھلەندى، جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قەتئىي قوغداش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا پائال مۇلازىمەت قىلىش ئىرادىسى ۋە ئۇنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى نامايان قىلىندى.

ئامېرىكا «يەرشارى تاكتىكا ئۇچۇرى» تەھرىراتى ۋاشىنگتون شۆبىسىنىڭ باشلىقى ۋىليام جونېس مۇنداق دېدى: ئاق تاشلىق كىتابتا جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋردىكى دۆلەت مۇداپىئە پىلانى بىۋاسىتە چۈشەندۈرۈلدى، جۇڭگونىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى زومىگەرلىك ئۈستىدە ئىزدەنمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەدىسى قايتا تەكىتلەندى، جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتىنىڭ مۇداپىئە خاراكتېرى شەرھلەندى. بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگونىڭ كۈنسېرى قۇدرەت تېپىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو ئارمىيەسىمۇ خەلقئارا تىنچلىق قوغداش ۋەزىپىسىدە تېخىمۇ مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ، باشقا ئەللەر بىلەن ھەمكارلىشىش پۇرسىتى كۆپ، بۇ ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئارمىيەلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

رۇسىيە ئالىي ئىقتىساد شۆيۈەنىنىڭ خەلقئارا سىياسىي ئىقتىساد مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ۋاشرى كاشىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئاق تاشلىق كىتابتا «زومىگەرلىككە، بىر تەرەپچىلىككە، قوش ئۆلچەمگە قارشى تۇرۇش»نى ئوتتۇرىغا قويدى. نۆۋەتتە ئايرىم غەرب ئەللىرى ئامالنىڭ بېرىچە جۇڭگونى توسۇشقا ئۇرۇنماقتا، جۇڭگو زومىگەر دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونى توسۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ تەسىرىنى توسىدۇ. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ھەربىي ئىشلار، سىياسىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى بىر قاتار قاراشلىرىنى بايان قىلىشى ئىنتايىن مۇۋاپىق. ۋاشرى كاشىن ئاق تاشلىق كىتابتا «جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئارمىيەلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىدە داۋاملىق قويۇق ھالەت ساقلىنىدۇ» دېگەن مەزمۇنغا دىققەت قىلدى، ئۇ: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىقى بارغانسېرى جانلاندى، زومىگەرلىككە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە، رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە، ھەمدە بۇ جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىۋاتىدۇ، دېدى.

جەنۇبىي ئافرىقا ۋالتېر سىسۇلۇ داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئېرىك مۇنداق دېدى: جۇڭگو يەرشارى خەۋپسىزلىكىنىڭ ئاساسلىق قاتناشقۇچىسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش زومىگەرلىك قىلىش ۋە كېڭەيمىچىلىك مەقسىتىدە بولماستىن بەلكى جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ. جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىرى ئىچىدە، تىنچلىق قوغداش قىسمىنى ئەڭ كۆپ ئەۋەتكەن دۆلەت، بۇ جۇڭگونىڭ چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتى ۋە دادىللىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

مىسىر قاھىرە داشۆسىنىڭ سىياسىيشۇناسلىق پىروفېسسورى نۇرخان شېخ مۇنداق دېدى: ئاق تاشلىق كىتابتا جۇڭگونىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ۋە جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تەھدىت سېلىش بارلىق قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرىدىغانلىقى، بولۇپمۇ تەيۋەن مەسىلىسىدە شۇنداق قىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى. جۇڭگونىڭ ھەربىي چىقىمى مۇۋاپىق شۇنداقلا زۆرۈر دائىرىدە. جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشقان ئارمىيە، جۈملىدىن دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز ئوكيان ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغدىشىنىڭ تامامەن زۆرۈرىيىتى بار.

لىۋانلىق جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى مەھمۇد رايا مۇنداق دېدى: ئاق تاشلىق كىتابتا جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى جەھەتتىكى تۈپ پىرىنسىپى ۋە ئىستراتېگىيە يۆنىلىشى تونۇشتۇرۇلدى، جۇڭگونىڭ ھەربىي كۈچ قۇرۇلمىسى ئىنىق كۆرسىتىلدى، بۇ جۇڭگونىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئىشەنچىسىنى نامايان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جۇڭگونىڭ ھەربىي كۈچنى بىر خىل مۇداپىئە قورالى قىلىدىغانلىقى، باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئۇنى سىياسىتىنى يولغا قويىدىغان، نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان توخماق قىلمايدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.

فىرانسىيەلىك جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى سونىيە مۇنداق دېدى: ئاق تاشلىق كىتابتا دۇنياغا جۇڭگونىڭ مۇداپىئە خاراكتېرىدىكى دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتىدە باشتىن ئاخىرى چىڭ تۇرۇش مەيدانى نامايان قىلىندى، بۇ جۇڭگونىڭ ھەربىي كۈچتىن قالايمىقان پايدىلانمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مېنىڭچە، زومىگەرلىك ئۈستىدە مەڭگۈ ئىزدەنمەسلىك، كۈچ دائىرىسىنى كېڭەيتمەسلىك يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى. جۇڭگو چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىگىلىۋالماستىن بەھرىلەندى، بۇ جۇڭگونىڭ ئەقىل پاراسىتىدۇر.

كورېيە چەتئەل تىللىرى داشۆسى خەلقئارا شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى خۇاڭزەيخاۋ مۇنداق دېدى: ئاق تاشلىق كىتابتا «تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەكىتلەندى»، بۇ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ ئەڭ تۈپ يادرولۇق مەنپەئەتىگە ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا چېتىلىدۇ، جۇڭگو ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا يول قويمايدىغان مەسىلە. ھەر قانداق بىر دۆلەت جۇڭگونىڭ بۇ مەيدانىنى چۈشىنىشى كېرەك. جۇڭگو مۇداپىئە خاراكتېرىدىكى دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا دائىرىسىدە كەڭ ئاۋاز قوشۇشقا ۋە ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشتى.