700 مىليارد يۈەن كۈتۈنۈش پۇلى ئەمەلىيلەشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-28 15:28

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

 ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتى سىجىل ئاشتى، 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىدىن 2 تىرىليون 470 مىليارد يۈەن چىقىم قىلىندى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15 ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا فوندىنىڭ مەبلەغ سېلىپ يۈرۈشۈشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى، 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 18 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھاۋالە قىلىپ ئىمزالىغان 863 مىليارد يۈەن ھاۋالە مەبلەغ سېلىش توختامىدا، 706 مىليارد 200 مىليون يۈەن ئەمەلىيلىشىپ ئىشلىتىلدى.

7-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 2019 يىللىق 2-پەسىللىك قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا ئايان بولۇشىچە، ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانى تېز سۈرئەتتە ئىلگىرى سۈرۈلۈۋېتىپتۇ. 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى ئالغانلار 1 مىليارد 277 مىليونغا يەتكەن، ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىدىن 21 مىليون 400مىڭى تارقىتىلغان. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مۇدىرى جەي يەنلى مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى ئالغانلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى %91.5 نوپۇسنى قاپلىدى، 13-بەش يىللىق پىلاندىكى نىشان مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن تاماملاندى. نۆۋەتتە، ئېيىغا 10 مىليونغا يېقىن كارتا تارقىتىلىۋاتىدۇ، ھەر بىر ئادەمدە بىردىن كارتا بولۇش نىشانىغا تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلەۋاتىمىز. كېلەركى قەدەمدە ھەممىباب كارتىنى كىرىش ئېغىزى قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. نۆۋەتتە، دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى ئاساسىي جەھەتتە قۇرۇلدى، يېقىندا سىناق ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا يىللىق قاتنىشىش ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش، تەمىنات سالاھىيتىنى دەلىللەشتۈرۈش، كۈتۈنۈش پۇلىنى ھېسابلاش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنىڭ يۆتكەلگەنلىكىنى تەكشۈرۈش، باشقا جايدا داۋالىنىشنى تەكشۈرۈش، چەتئەلدە تۇرۇپ ھەق تاپشۇرماسلىقنى ئىلتىماس قىلىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنىڭ ھالىتىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر ئالدىن يولغا قويۇلىدۇ.

جۇڭگو ماكرولۇق ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى گۈەن بۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە 18 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش مەبلىغىنى توپلاۋاتىدۇ، 13-بەش يىللىق پىلاننىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە جايلارنىڭ ھەممىسى فوند توپلاش ۋە مەبلەغ سېلىپ يۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى باشلىشى مۇمكىن. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ 2018-يىلىدىكى ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا فوندىغا 725 مىليارد يۈەن توپلانغان. بۇ كەلگۈسىدە ئاز دېگەندە 700 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك ئاھالىلەر كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ قورغىتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.