ئېلىمىز ئوقەتچىلىكنى سەرخىللاشتۇردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-28 15:28

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مۇرەككەپ ئۆزگىرىشچان تاشقى مۇھىت ئالدىدا، ئېلىمىز تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، مەبلەغنىڭ ئاجىزلىقتىن كۈچلىنىشكە قاراپ بۇرۇلۇش ياسىشىغا باشلامچىلىق قىلىپ، ئوقەتچىلىكنى سەرخىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، مۇقىم تەرەققىي قىلدى، ئاساسلىق ماكرولۇق ئىقتىساد كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ يۈرۈشۈشى مۇۋاپىق دائىرىدە بولدى، ئىقتىساد قۇرۇلمىسى سەرخىللىشىپ تەڭشەلدى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىمۇ ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملىنىۋاتىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئىلاستىكىلىقىمۇ كۈچەيدى. يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاستىلىغان ۋە خەلقئارا سودىنىڭ ئېكولوگىيەسى كۆرۈنەرلىك ناچارلاشقان چوڭ مۇھىتتا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.3 ئېشىپ، مۇقىم ئېشىش ھالىتىنى ساقلىدى، ئىستېمال ئېھتىياجىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى %60.1كە يەتتى. جەمئىيەت مەبلىغى جانلاندى، پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپ قاتلامدا قاپلىنىشى تەرتىپلىك ئازايدى، جەمئىيەتنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كۆپتۈرمىچىلىك قىلىش قۇۋۋىتى ئاجىزلىدى.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئېلىمىز ئەمەلىي ئىقتىساد تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئېلىمىزنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈش، يۇمتال ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.6 ئاشتى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 14.3 پوئىنت يۇقىرى بولدى؛ مەۋھۇم ئىقتىساد بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك پۇل-مۇئامىلە كەسپى ۋە ئۆي-مۈلۈك كەسپى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ئايرىم ھالدا %7.3 ۋە %2.5 ئاشتى، بۇ ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنىڭ سەرخىللاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جەمئىيەتنىڭ ئوقەتچىلىك روھى كۆتۈرۈلدى، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتى كۈچى ئۇرغۇدى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈنسېرى جانلاندى، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى %9 ئېشىپ، بارلىق كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 3 پوئىنت تېز بولدى، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى بارلىق كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.8 پوئىنت ئاشتى.

شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، نۆۋەتتە ئېلىمىز جەمئىيىتىدە ئوقەتچىلىك روھى ئاساسىي ئېقىمنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كۆپتۈرمىچىلىك قىلىش كۈچى تەل-تۆكۈش يوقىمىدى، جەمئىيەت مەبلىغى مەلۇم دەرىجىدە ئاجىزلاۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن قاتتىق ئاگاھ بولۇش كېرەك. كەلگۈسىدە، ئېلىمىز ئوقەتچىلىكنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى داۋاملىق مۇجەسسەملىشى كېرەك. ئەمەلىي ئىقتىساد زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى. پۈتۈن جەمئىيەت ئوقەتچىلىك روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، ھۈنەرۋەن روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭ بىلىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كۆپتۈرمىچىلىك قىلىشنى چەكلەپ، ئەمەلىي ئىش قىلىشقا ئىلھام بېرىپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ داۋاملىق يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.