ئىقتىساد-سودا ساھەسىدىكىلەر مالىمانچىلىق داۋاملىشىۋەرسە بارلىق شياڭگاڭلىقلارنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە زىيان يېتىشىدىن ئەندىشە قىلدى
مەنبەسى:     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-28 15:26

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىندا شياڭگاڭدا يۈز بەرگەن بىر قاتار قانۇنغا خىلاپ زوراۋانلىق ۋەقەلىرى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى دەپسەندە قىلىپلا قالماي، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»پىرىنسىپىنىڭ تۆۋەن چېكىگە تەگدى، تېخىمۇ يامىنى جەمئىيەتتە داۋالغۇش پەيدا قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋە سودا مۇھىتىغا ئېغىر دەرىجىدە پاراكەندىچىلىك سالدى. ئىقتىساد-سودا ساھەسىدىكى نۇرغۇن ئەربابلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋە خاتىرجەملىك شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى ھەمدە سودا مەركەزلىك ئورنىنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاشنىڭ ئۇل تېشى، گەرچە بۇ ئۈچ چوڭ مەركەز ھازىر راۋان يۈرۈشۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن زوراۋانلىق، مالىمانچىلىق داۋاملىشىۋەرسە، شياڭگاڭنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ يىلتىزىنى ئاستا-ئاستا «چىرىتىۋېتىدۇ»، شۇ چاغدا بارلىق شياڭگاڭلىقلارنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە زىيان يېتىدۇ؛ شياڭگاڭ جەمئىيىتىنىڭ تېزدىن توغرا يولغا قايتىپ، تارىخىي تەرەققىيات پۇرسىتىنى قەدىرلىشى ۋە چىڭ تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەمۇرىي كېڭەش ئەزاسى، ئالتۇن باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سابىق باش لىدىرى رېن جىگاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش- شياڭگاڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ ئۇل تېشى، ئۇنى چوقۇم ئەستە چىڭ ساقلاش، قەدىرلەش كېرەك. زوراۋانلىق قىلمىشى ۋە پاراكەندىچىلىك، بۇزغۇنچىلىق قىلىش شەھەر ئاھالىلىرىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئىقتىسادقا زىيان يەتكۈزىدۇ، ھېچكىم پايدا ئالالمايدۇ.

شياڭگاڭ سودا ئورنىنىڭ مەمۇرىي لىدىرى لى شياۋجيا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شياڭگاڭنىڭ جەمئىيىتى ئەزەلدىن بىخەتەر، ئەسەبىي زوراۋان ئۇنسۇرلار ئېلىپ كەلگەن ئاقىۋەتنى بارلىق شياڭگاڭلىقلار ئۈستىگە ئالسا بولمايدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شياڭگاڭدا سۆز قىلىش، يىغىلىش قىلىش، تاراتقۇ ئەركىنلىكى بار، ئالدىنقى شەرت زوراۋانلىققا مۇراجىئەت قىلماسلىق، شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھازىر جىسمانىي بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىشى كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ، جەمئىيەتنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان يولدا مېڭىپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

نوپۇزلۇق مەبلەغ سالغۇچى بانكىر ۋېن تيەننا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شياڭگاڭ جەمئىيىتىنىڭ تېزدىن تىنچلىققا قايتىشى، سوغۇققان بولۇشى، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى چۈشىنىشى ۋە ئىگىلىشى، ياشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلامدىكىلىرىگە تەرەققىياتنىڭ پايدىسى ۋە گۈزەل كەلگۈسىنى ھېس قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.