ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك جەمئىيىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى سودا ماجىراسىنى بالدۇرراق ئاخىرلاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-28 15:27

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى ئامېرىكا دېھقانلىرىنىڭ سودا ماجراسىدا تارتقان زىيىنىنى تولۇقلاش ئۈچۈن، 16 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بېرىش پىلانى توغرىسىدىكى سىياسەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئېلان قىلدى. لېكىن ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياردەم بېرىش پىلانى ئېكسپورت بازىرىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ، بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى سودا ماجىراسىنى بالدۇرراق ئاخىرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ نورمال سودىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىمىز.

ئامېرىكا دېھقانلار جەمئىيىتى بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى چىپ دۇۋار بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ يېزا ئىگىلىكى قىيىنچىلىق مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، سودا ئۇرۇشىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، يېزا رايونلىرىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ناچار ھاۋا رايى، چوڭ تاۋار باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى، ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك قاتارلىق خىرىسلارغا دۇچ كەلگەندىن سىرت، ئامېرىكا يېزا ئىگىلىكى يەنە تاموژنا بېجىنىڭ زەربىسىگە ھەتتا «گۈزەل بوران-چاپقۇن»غا ئۇچرىدى.

ئامېرىكا مەملىكەتلىك بۇغداي تېرىغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بىن شولتىس مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش پىلانى پەقەت «دورىلىق چاپلاق»، بىزگە ھەقىقىي كېرىكى ئۇزاق مۇددەتلىك ھەل قىلىش لايىھەسى. جەمئىيىتىمىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى جۇڭگو بىلەن بولغان سودا ماجىراسىنى تېز سۈرئەتتە ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى يېزا ئىگىلىك كومىتېتىدىكى نوپۇزلۇق ئەزاسى دېبى ستابېنو مۇنداق دېدى: بۇ «قىسقا مۇددەتلىك، ئادىل بولمىغان چىقىم» ئېكسپورت بازىرى ۋە باغلىنىشلىق سودا تاكتىكىسىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ.