كىم جۇڭئۇن يېڭى تىپتىكى تاكتىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان قوراللارنىڭ ھەيۋىسىنى كۆرسىتىشكە يېتەكچىلىك قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-28 15:27

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇن 7-ئاينىڭ 25-كۈنى يېڭى تىپتىكى تاكتىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان قوراللارنىڭ ھەيۋىسىنى كۆرسىتىشكە يېتەكچىلىك قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، كورېيە ھەربىي تەرەپ 7-ئاينىڭ 25-كۈنى: چاۋشيەن شۇ كۈنى ئىككى دانە «قويۇپ بېرىش گەۋدىسى»نى قويۇپ بەردى دېدى. كورېيە بىلەن ئامېرىكا بۇنىڭغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: چاۋشيەننىڭ بۇ ئۇسۇلى يېرىم ئارالنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشكە پايدىسىز دەپ، چاۋشيەننى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا رىئايە قىلىشقا دەۋەت قىلدى.

چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: كىم جۇڭئۇن: كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەنىڭ راۋاجىنىڭ خەتىرىنى ۋاقتىدا تونۇپ يېتىپ، ئەڭ يېڭى قورال كىرگۈزۈش ۋە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى توختىتىپ، بۇلتۇر 4-ئاي ۋە 9-ئايدا چاۋشيەن-كورېيە رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىدا ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشقا بالدۇرراق قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

كورېيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: چاۋشيەننىڭ قىلمىشى يېرىم ئارالنىڭ ھەربىي جىددىيلىكىنى پەسەيتىشكە پايدىسىز، كورېيە بۇنىڭدىن «ناھايىتى ئەندىشە قىلىدۇ».

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپېئو 7-ئاينىڭ 25-كۈنى تاراتقۇلارنىڭ چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق تەرىقىسىدە قويۇپ بېرىشى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەر قايسى تەرەپلەر سۆھبەت ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ ھەمدە پىشكىسىنى كۆپەيتىۋاتىدۇ. مەن يەنىلا ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەننىڭ دىپلوماتىيە سۆھبىتى ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ھەمدە كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتىدە ئىككى تەرەپنىڭ خىزمەت كېڭىشىشىنى باشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.