جەنۇبىي ئافرىقا ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلىشى جىددىي قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-28 15:27

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى يېقىندا «دۇنيا ئىقتىسادىغا نەزەر دوكلاتى»نىڭ يېڭىلانغان مەزمۇنىنى ئېلان قىلىپ، 2019-يىلى جەنۇبىي ئافرىقا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مۆلچەرىنى 0.5 پوئىنتتىن %0.7 گە تۆۋەنلەتتى. تەھلىلچىلەر: جەنۇبىي ئافرىقا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاستىلاپ، يەنە بىر قېتىم چېكىنىش خەۋپىگە پېتىپ قالدى؛ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، بازارنى يەنىمۇ ئېچىۋەتكەندىلا، ئاندىن جەنۇبىي ئافرىقا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىن ئۈمىد بار دەپ ھېسابلىدى.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، جەنۇبىي ئافرىقا مەركىزىي بانكىسى بۇ يىل جەنۇبىي ئافرىقا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مۆلچەرىنى % 0.6 كە چۈشۈرگەن ئىدى، بۇ يىل بېشىدىكى مۆلچەردىكى % 1.5دىن خېلىلا ئاز. جەنۇبىي ئافرىقا ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1-پەسىلدە جەنۇبىي ئافرىقا ئىقتىسادىنىڭ سېلىشتۇرما نىسبىتى % 3.2 قىسقىراپ، 10 يىلدىن بۇيانقى ئىپادىسى ئەڭ ناچار بولغان بىر پەسىل بولغان. شۇ پەسىلدىكى ناچار ئىقتىسادنىڭ ئىپادىسى كۆپ قېتىم توك توختاش، ئالتۇن كان ئىشچىلىرى ئىش تاشلاش، ئۈزۈمنىڭ ھوسۇلى ياخشى بولماسلىق، سىرتتىن كەلگەن مەبلەغنىڭ ئازىيىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ بىرىكمە رولىنىڭ نەتىجىسى.

2018-يىلى جەنۇبىي ئافرىقا ئىقتىسادىدا ئۇدا ئىككى پەسىل چېكىنىش كۆرۈلدى. ئىقتىسادشۇناسلىق تەبىرى جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇدا ئىككى پەسىلدىكى ئىقتىسادنىڭ قىسقىرىشىنى چېكىنىش دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ، بۇ 2009-يىلىدىن بۇيان جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تۇنجى قېتىم ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىنقى مەزگىلدىكى ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ، جەنۇبىي ئافرىقا ئىقتىسادى بۇ يىل يەنە بىر قېتىم چېكىنىشى مۇمكىن.

جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى سىرىل رامافوسا يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى توختاپ قالدى، سېلىنما ئازىيىپ كەتتى، ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالماسلىقى ۋە چىرىكلىشىشى دۆلەتنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى. ئۇ: ئىقتىسادىمىز كىرىزىسقا پېتىپ قالدى دېدى.

جەنۇبىي ئافرىقىدىكى داڭلىق مەبلەغ سېلىش شىركىتى ئېفىسىئېنت گۇرۇھىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى داۋىد رۇت مۇنداق دېدى: توك بىلەن تەمىنلەش مۇقىم بولماسلىق، قەرز ئېغىر بولۇش قاتارلىقلار جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلە، پەقەت قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندىلا، جەنۇبىي ئافرىقا ئاندىن ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ.

جەنۇبىي ئافرىقا ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن بۇ مەسىلىلەر ئۆزىلا مەۋجۇت بولۇپ قالغان ئەمەس، بەلكى بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان. دۆلەت ئېلېكتىر شىركىتى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ بارلىق ئېلېكتىر تەمىناتىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك مونوپول قىلىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن باشقۇرۇش ياخشى بولماسلىق، ئۈسكۈنىلەر كونىراش سەۋەبىدىن توك توختاش ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بەردى. بۇ يىل 1-پەسىلدە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ رۇبىلنىكنى تارتىپ توك چەكلەش مىقدارى 270 سائەتكە يېتىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئېلېكتىر كارخانىسى يەنە تەخمىنەن 32 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق زور قەرزنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئىزچىل ھۆكۈمەتنىڭ قان بېرىشىگە تايىنىپ تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى، بۇ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئىقتىسادىي مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئەڭ چوڭ يەككە خەۋپ-خەتەر دەپ قارالدى.

رامافۇسا قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىزچىل كۈچ چىقىرىپ كەلدى. يېقىندا، ئۇ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ رىقابەتلىك بازارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن مونوپوللۇقنى بۇزۇپ تاشلاش كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. ئۇ: بىز ئىقتىسادنى ئېچىۋېتىشىمىز، تېخىمۇ كۆپ رىقابەتچىلەرنى بۇنىڭغا قاتناشتۇرۇشىمىز كېرەك، بىز تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىپ، ئىقتىساد سىستېمىسىنى قايتىدىن بەرپا قىلىشىمىز كېرەك دېدى.

بىراق، تەھلىلچىلەر يەنە شۇنىمۇ بايقىدىكى، 4-ئايدىن بۇيانقى ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلاردىن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ 2-پەسىللىك ئىقتىسادىدا ئازراق ياخشىلىنىش بولغانلىقى مەلۇم بولدى: 4-ئايدا ياسىمىچىلىق كەسپى % 4.6 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتوموبىل ياسىمىچىلىقىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى % 19 كە يەتتى؛ 4-ئايدا پارچە سېتىش كەسپى % 2.4 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە كىيىم-كېچەك ۋە ئاياغنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى % 6 ئاشتى؛ 4-ئايدا چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 11.9 ئاشتى؛ 5-ئايدا ئېكسپورت % 8 ئاشتى.

جەنۇبىي ئافرىقا جىنشەن داشۆسى ئىقتىساد ۋە سودا شۆيۇەنىنىڭ باشلىقى جىننى روسوۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتى جەنۇبىي ئافرىقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى كېرەك، بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بىز بۇ خىل ئاگاھلاندۇرۇشنى ئىزچىل ئاڭلاپ كەلدۇق، بۇ قېتىم جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىپ، ئىقتىسادنى قايتىدىن ئىزىغا چۈشۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.