« ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي،بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئارىسىدا كۆپ خىل شەكىلدە قانات يايدۇرۇلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-28 15:27

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

«ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئارىسىدا كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن قانات يايدۇرۇلدى، جايلار ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قائىدىنى چۈشىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئويلىغانلىرىنى ئەمەلىي خىزمەتكە تەتبىقلىدى.

فۇجيەن ئۆلكىسى لوڭيەن شەھىرى يۇڭدىڭ رايونى خۇلېي بازىرى شاڭنەن كەنتى ئېغىزىدا «ۋەن يۇەنلو» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تىپىك دېھقانلار تۇرالغۇسى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، بۇ يەر فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى تۇنجى يېزا پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلغان جاي. قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى كۆپ قېتىم پارتىيەلىك كادىرلارنى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىدىن تاللانما قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئەينەن ئۆگىنىش، خاتىرە قالدۇرۇپ ئۆگىنىش، تەپەككۇر قىلىش، چۈشىنىش جەريانىدا ئەسلىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلىدى. كەنت پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شيۇڭ شيۇلەن مۇنداق دېدى: «قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، پېشقەدەم ئىنقىلابچىلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، مەۋقەنى يېزىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە قارىتىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنى جەڭگىۋارلىقى كۈچلۈك قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، پارتىيە ئەزالىرى نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك».

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش سىستېمىسى زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈردى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى گاۋ يۇڭتاۋ مۇنداق دېدى: باش تېما تەربىيەسى كۆپ ساندىكى خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بەردى. بىز باشلامچىلىق بىلەن بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىنى دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇش-تىزگىنلەش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە ئالدى بىلەن زور خەۋپ-خەتەرنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش ۋىۋىسكا ئېسىپ ئاگاھلاندۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، زور خېيىم-خەتەر بار 126 ئورۇننى تۇنجى قېتىم ۋىۋىسكا ئېسىپ ئاگاھلاندۇردۇق، بۇنىڭ ئىچىدە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۈرىدىكى 73 ئورۇن، تەبىئىي ئاپەت تۈرىدىكى 53 ئورۇن بار، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەبىئىي ئاپەتتىن ئىبارەت زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنىڭ جېڭىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قەتئىي ياخشى قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ياخشى قوغدايمىز.