12-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كېڭىشى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-28 15:27

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گاۋ فېڭ تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 12-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كېڭىشى 7-ئاينىڭ 30-31-كۈنلىرى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ- جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا 5-ئاينىڭ 9- 10- كۈنلىرى 11-نۆۋەت كېڭەشكەندىن كېيىن، ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ يەنە بىر قېتىم كېڭىشىشنى قايتا باشلىشى. گاۋ فېڭ: ئىقتىساد-سودا كېڭىشىنى قايتا باشلاش- ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئوساكا ئۇچرىشىشىدا ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش دېدى.