سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار ئەربابلىرىنىڭ ئوچۇق خېتى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-28 15:27

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى تۈنۈگۈن ئامېرىكىدىكى ئالاقىدار ئەربابلارنىڭ يېقىندا ئوچۇق خەت ئېلان قىلغانلىقى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى ھەمدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ قارشىلىشىش توقۇنۇشىنى قوزغاش ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق خەلق رايى ئەمەس، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەل رايىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەدبىر. ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نۆل يىغىندىلىق تەپەككۇرنى چۆرۈپ تاشلاپ، ھەمكارلىقنى كۆپرەك تەشەببۇس قىلىپ، قارشىلىشىشنى ئاز تەرغىب قىلىپ، تەڭ ئۇتۇق قازىنىشنى كۆپرەك قوللاپ، زومىگەرلىك قىلىشنى ئاز تەرغىب قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن.