«زادى كىم دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە باشقىلارنى بوزەك قىلىۋاتىدۇ، باشقىلارغا ھەيۋە قىلىۋاتىدۇ؟» ماۋزۇلۇق ئوبزور
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-28 15:28

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

 «زادى كىم دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە باشقىلارنى بوزەك قىلىۋاتىدۇ، باشقىلارغا ھەيۋە قىلىۋاتىدۇ؟ » ماۋزۇلۇق ئوبزوردا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكىدىكى 100 دىن ئارتۇق ئاتالمىش جۇڭگوغا قارىتا قاتتىق قول ئەرباب يېقىندا جۇڭگو «كېڭەيمىچىلىك قىلىش»، «ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنى بوزەك قىلىش ۋە قورقۇتۇش» نى يولغا قويدى دەپ بوھتان چاپلاپ، « ئامېرىكىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىدە سىياسىي- نورمال ھالەت، ئۇرۇش- بۇنىڭ سىرتىدا، جۇڭگودا بولسا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە»دېدى.
جۇڭگو ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان «يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا «مەڭگۈ زومىگەر بولماسلىق، مەڭگۈ كېڭەيمىچىلىك قىلماسلىق، مەڭگۈ تەسىر دائىرىسى ئۈستىدە ئىزدەنمەسلىك»نىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئامېرىكىغا قارايدىغان بولساق، 1776-يىلى دۆلەت قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، 200 نەچچە يىل ئىچىدە % 90 تىن ئارتۇق ۋاقتى ئۇرۇش بىلەن ئۆتتى. 2018-يىلى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي خىراجەت چىقىمى 640 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتۈپ، رەت تەرتىپى ئۆزىنىڭ كەينىدىكى سەككىز دۆلەتنىڭ ھەربىي خىراجىتىنىڭ يىغىندىسىغا تەڭلىشىپ قالدى .
ئامېرىكا شۇنچە ئۇرۇشخۇمار، جۇڭگوغا «تىنچلىق ھاكىمىيىتى ئەمەس» دەپ تۆھمەت قىلدى. ئەگەر ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلار زومىگەرلىك تەپەككۇرىدىن ۋاز كەچمەي، زوراۋانلىق سىياسىيسىنى يولغا قويۇپ، ھەممىلا يەردە باشقىلارنى بوزەك قىلىپ، قورقۇتۇپ، «زوراۋانلىق كالتىكى»بولۇۋالسا، ئۇنداقتا 21-ئەسىردىكى يەر شارىلاشقان مەدەنىي جەمئىيەت تەرىپىدىن بالدۇرلا تاشلىۋېتىلىدۇ.