جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى ماقالە ئېلان قىلىپ «ئامېرىكىچە كىشىلىك ھوقۇق»نىڭ ساختا ماھىيىتىنى تەنقىد قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-28 15:28


جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى «ئامېرىكىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئىرقىي كەمسىتىش مەسىلىسىدە «ئامېرىكىچە كىشىلىك ھوقۇق>نىڭ ساختىلىقى نامايان بولدى» ماۋزۇلۇق ماقالىنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىدا ئۇزاقتىن بۇيان مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئىرقىي كەمسىتىش مەسىلىسى ۋە بۇ نامايان قىلغان «ئامېرىكىچە كىشىلىك ھوقۇق»نىڭ ئىنتايىن ساختىلىقىنى ئېچىپ بەردى ھەمدە ئامېرىكىدا ئىرقىي كەمسىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قىيىن دەپ كۆرسەتتى.

ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىرق ئامېرىكىدىكى مۇھىم ئىجتىمائىي تۈر پەرقى. ئامېرىكىدىكى ئىرقىي كەمسىتىش ئەمەلىيەتتە ياۋروپالىق ئەۋلادىدىن بولغان ئاق تەنلىكلەرنىڭ بارلىق باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىشىنى كۆرسىتىدۇ.

ماقالىدا: ئامېرىكىدىكى ئىرقىي كەمسىتىش رېئال تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئىپادىلىنىدۇ، قانۇن ئىجراسى، ئەدلىيە ساھەسى، ئىقتىساد ساھەسى، ئىجتىمائىي ئىشلار ساھەسىدە ئالاھىدە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ دەپ كۆرسىتىلدى ھەمدە نۇرغۇن پاكىتلار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلدى.

ماقالىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئامېرىكا ئۆزىنى «كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قوغدىغۇچىسى» دەۋالغان بىلەن، ئۆز دۆلىتىدە ساقلىنىۋاتقان ئېغىر ئىرقىي كەمسىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا قۇربى يەتمەيدۇ، بۇ ئامېرىكىنىڭ تۈزۈم قۇرۇلمىسىدىكى نۇقساننى ئاشكارىلاپ بەردى، «ئامېرىكىچە كىشىلىك ھوقۇق» نىڭ ساختا ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئامېرىكىدىكى ئىرقىي مۇناسىۋەتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئۆز دۆلىتىنىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسى، تارىخىي ئەنئەنىسى ۋە ئىدېئولوگىيەنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، مۇشۇ جەھەتلەردە ئىسلاھات ئېلىپ بارمىسا، ئامېرىكىدىكى ئىرقىي مۇناسىۋەت ۋە ئىرقىي كەمسىتىشنىڭ يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشىنى ئۆزگەرتىش تەس، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.