شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى بازارلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى بازارلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-28 15:28

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئېنېرگىيە چوڭ رايونى بولغان شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى بازارلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ ئىچىدە بازارلاشتۇرۇپ سودىلىشىش كۆلىمى 55 مىليارد 675 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، چوڭ خېرىدارلار بىۋاسىتە سودىلاشقان توك مىقدارى 44 مىليارد 682 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %58 ئاشتى.

بۇ يىل، شىنجاڭدا ئېلېكتىر خېرىدارلىرىنىڭ بازار سودىسىغا قاتنىشىشى ھۆكۈمەت ئىجازەت بېرىش تۈزۈمىدىن بازار ئەنگە ئېلىش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلدى، ھازىر سودا سۇپىسىدا رويخەتكە ئېلىنغان ئېلېكتىر خېرىدارلىرى 531 گە يەتتى. شىنجاڭ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرىگە ئاساسەن، كۆمۈر، پولات-تۆمۈر، رەڭلىك مېتال، بىناكارلىق ماتېرىياللىرى، نېفىت، خىمىيە سانائىتى، سىلىتسىيلىق يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق كەسىپلەر، ھەمدە ئېتىراپ قىلىنغان بۇلۇت چوت كارخانىلىرىنىڭ توك ئىشلىتىش پىلانىنى قويۇۋەتتى، بۇلار توك ئىشلىتىش مىقدارى بويىچە بازار سودىسىغا قاتنىشىدۇ.

مۆلچەرلىنىشىچە، چوڭ خېرىدارلارنىڭ بىۋاسىتە سودىلىشىشىنىڭ پايدىسىدىن ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ ھەر بىر كىلوۋات توك ئىشلىتىش ھەققىنى تەخمىنەن 10 پۇڭ تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. باشقا ئۆلكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە ۋە ئوت ئېلېكتىرىنى چوڭ خېرىدارلارنىڭ بىۋاسىتە سودىلىشىشىغا تاپشۇرۇپ، توك باھاسىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.