خەن جېڭ گوۋۇيۈەن ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىدە بۇرۇلۇش ياساشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-28 15:28

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىدە بۇرۇلۇش ياساشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خەن جېڭ تۈنۈگۈن گوۋۇيۈەن ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىدە بۇرۇلۇش ياساشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.

خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسلاھاتنىڭ ئاشكارىلىقىنى، ئاممىنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسىنى ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن ئاشۇرۇپ، ئىسلاھاتنى قىستاش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئاممىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ كۆڭۈلىگە مايىل قىلىپ، تېخىمۇ ئىلمىيلاشتۇرۇش كېرەك. ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەي»، ئىسلاھات يۆنىلىشىنىڭ ئېنىق، قەدىمىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىيەت ئارقىلىق قانۇنىيەتنى خۇلاسىلەپ، بىر يۈرۈش مۇكەممەل تۈزۈملەرنى شەكىللەندۈرۈش؛ بازار سۇبيېكتى ۋە ئاممىنىڭ تەسىراتىنى باھالاشنىڭ ئۆلچىمى قىلىپ، باشتىن-ئاخىر مەسىلىنى نىشانلاپ، مەسىلىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە، ھەقىقىي ئەسقېتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارغا چېتىشلىق بارلىق تىجارەت ئىجازىتى ئىشلىرىنى ئىسلاھات يولىغا كىرگۈزۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىجازەت ئىشلىرى تىزىملىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىدا «كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنى ئالدى بىلەن ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ۋەدە بېرىش سىياسىتى لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىش داۋامىدىكى، ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش؛ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سانائەت مەھسۇلاتلىرى سۈپىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قايتا ۋە تەكرار ئورنىتىپ، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتىنى ئازايتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاخىرقى نۇقتىنى قاتتىق باشقۇرۇپ، مەھسۇلات ئۆلچىمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يامان نىيەت بىلەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق جازالاپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ ھەيۋىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.