ۋاڭ ياڭ مىللەتلەر خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-28 15:28

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان مىللەتلەر خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە، چېگرا رايونلارنىڭ ئومۇمىيىتىنى مۇستەھكەملەشكە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ ئومۇملىقىغا مۇناسىۋەتلىك.

ۋاڭ ياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمى ئۈزلۈكسىز يېڭى ئەۋزەللىككە ئىگە قىلىنىپ، مىللىي رايونلارنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتى تارىخىدىكى ئەڭ شانلىق سەھىپە يېزىپ چېقىلدى، شۇنداقلا دۇنيادا مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا جۇڭگونىڭ پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسى تەقدىم قىلىندى.

ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسى ۋە جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەتلەردە يېڭى ئۆزگىرىش بولدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىدا ۋەزىپە تېخىمۇ ئېغىر، تەلەپ تېخىمۇ يۇقىرى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ئۇسۇلىدا، مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىنى قوللاش ئۇسۇلىدا، ئاز سانلىق مىللەت كۆچمە نوپۇسقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنى قوغداش ئۇسۇلىدا، ئاز سانلىق مىللەت ئارىسىدىكى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما خىزمىتىنى ئىشلەش ئۇسۇلىدا، مىللەتلەر خىزمىتى تۈزۈلمە مېخانىزمى ۋە يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىنى مۇستەھكەم تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

سۈن چۈنلەن قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. يۇ چۈەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.