لى كېچياڭ مەملىكەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنىغا مۇھىم تەستىق سالدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-28 16:58

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى تۈنۈگۈن مەملىكەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى ئاچتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىق سالدى.

تەستىقتە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىسى كەڭ، مەسئۇلىيىتى زور، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى دائىم چىڭ تۇتۇش، قىلچىمۇ بوششتۇرماسلىق كېرەك. ھەر قايسى رايونلار، ئالاقىدار تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مۇداپىئە لىنىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇشى كېرەك. ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى دائىم چېلىپ، يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، بىرى ئارقىلىق كۆپكە ئىبرەت قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر قايسى قاتلاملار، ھەر قايسى ھالقىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئۇللۇق قۇرۇلۇشلارنى، يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرنى تەكشۈرۈشنى، مەخسۇس تەرتىپكە سېلىش ۋە تەشۋىقىي تەربىيەنى چىڭ تۇتۇپ، قانۇن ئىجراسى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار، كان مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەر، ساھەلەردىكى سىستېمىلىق بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىنىڭ كۈچەپ ئالدىنى ئېلىپ، ئېغىر، ئالاھىدە ئېغىر ۋەقە يۈز بېرىشنى قەتئىي توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ خې يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. قۇرباننىسا جاپپار