مەركەز خەزىنىسىدىكى 100 مىليارد يۈەن نەخ پۇل بانكىغا ئامانەت قويۇلىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-28 16:57

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو خەلق بانكىسى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: مەركەز خەزىنىسى نەخ پۇلىنى باشقۇرىدىغان سودا بانكىلار 100 مىليارد يۈەن قەرەللىك نەخ پۇل ئامانىتى مەشغۇلاتى قىلىپ، مەركەز خەزىنىسى نەخ پۇلىنى ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مالىيە سىياسىتى ۋە پۇل سىياسىتىنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىدۇ.

ئېلاندا مۇنداق دېيىلدى: مالىيە مىنىستىرلىقى، خەلق بانكىسى شۇ كۈنى ئۆسۈم نىسبىتىگە خېرىدار چاقىرىش ئۇسۇلى بىلەن 2019-يىللىق مەركەز خەزىنىسى نەخ پۇلىنى باشقۇرىدىغان سودا بانكىلىرىنىڭ قەرەللىك ئامانەت پۇلىغا ئۈچ قارارلىق خېرىدار چاقىردى، خېرىدار بولۇنغان ئومۇمىي پۇل 100 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئۆسۈمى 7-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن تارتىپ ھېسابلىنىدۇ، 9-ئاينىڭ 27-كۈنى قەرەلى توشىدۇ، ئۆسۈم نىسبىتى %3.32. مەركىزىي بانكىنىڭ تەتۈر قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش مۇددىتى توشۇش قاتارلىق ئامىللار چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، بانكا سىستېمىسىنىڭ يۆتكىلىشچان ئومۇمىي مىقدارى مۇۋاپىق يېتەرلىك سەۋىيەدە بولىدۇ.

جۇڭشىن ئاكسىيەسىنىڭ باش مۇقىم كىرىم تەھلىلچىسى مىڭ مىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مالىيە مىنىستىرلىقى مەركىزىي بانكا بىلەن دۆلەت خەزىنىسى نەخ پۇلىنى باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ، بۇ مەلۇم ساندىكى مالىيە خەزىنىسى پۇلى قالدۇقى مەركىزىي بانكىنىڭ ئۆسۈمگە خېرىدار چاقىرىش ئۇسۇلى بىلەن سودا بانكىلىرىغا ئامانەت قويۇلۇپ، مالىيە خەزىنىسى پۇلىنىڭ ئىشلىتىش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلىدۇ.