گۇترىس لىۋىيە دېڭىز رايونىدا ئېغىر كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىدىن قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-28 16:58

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇترىس 7-ئاينىڭ 26-كۈنى باياناتچىسى بايانات ئېلان قىلىپ، لىۋىيە دېڭىز رايونىدا ئېغىر كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىدىن قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلىدۇ: يوقاپ كەتكەنلەر بالىلار ۋە ھامىلىدار ئاياللارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. گۇترىس يەنە لىۋىيە دېڭىز قىرغىقى ساقچى مۇھاپىزەت ئەترىتى قۇتقۇزۇۋالغان نۇرغۇن ھايات قالغۇچىلارنىڭ تاجۇرا مۇساپىرلارنى يىغىۋېلىش ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىدىن ئەندىشە قىلدى. بۇ مۇساپىرلارنى يىغىۋېلىش ئورنى بىر ھەربىي ئەسلىھەنىڭ يېنىدا بولۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 50 نەچچە كىشى قازا قىلغان.

گۇترىس: لىۋىيە پاناھلىنىدىغان بىخەتەر دۆلەت ئەمەس، مۇساپىرلار خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن «ئىززەت-ھۆرمەت»كە ئېرىشىشى كېرەك، دېدى.

خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى مۇنداق دېدى: تەخمىنەن 250 تىن 300 گىچە قانۇنسىز كۆچمەن ئولتۇرغان بىر ياغاچ كېمە چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتمەكچى بولۇپ، قىرغاققا يېقىنلاشقاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي موتوردىن كاشىلا چىقىپ ئۆرۈلۈپ كەتتى. تەخمىنەن 130 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىندى، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا 150 كىشى قازا قىپتۇ، ھازىر 30 جەسەت تېپىۋېلىنغان. ھايات قالغۇچىلار ئاساسلىقى ئېرىتىرىيەلىكلەر ۋە سۇدانلىقلار ئىكەن.