ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئادالەت ئېزىز: ياش ئۆسمۈرلەرگە قانۇن تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-25 19:13

 

مۇخبىرىمىز گۈلبەھرەم مۇختار، ئەنۋەر ئەركىن خەۋىرى: 

ئادالەت ئېزىز مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى تەجرىبە قىلىش، تەكشۈرۈش-ئۆلچەش تەتقىقات يۇرتى ئېچىش، تەجرىبە قىلىش مەركىزىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى.

ئادالەت ئېزىز ۋەكىللىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن، جەزمەن ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز ساپاسىنى ئۆستۈرگەندىلا، ئاندىن ئاممىغا ۋەكىل بولۇپ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا تېخىمۇ ياخشى ئەقىل كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. ئادالەت ئېزىز خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا باشتىن-ئاخىر يېقىندىن ئەگىشىپ، دائىم سىياسىي خەۋەرلەرنى كۆرۈپ تۇردى؛ شۇنداقلا كۆپ قېتىم مەھەللە، ئاساسىي قاتلام گۇرۇپپىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كۆرۈش، ئاڭلاش، سۆزلىشىش، سوراش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى كۆزەتتى، مەسىلىلەرنى بايقىدى. 

ئادالەت ئېزىز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسىنى كۈچەيتىشكە جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بايقىدى. بۇلتۇر«ئىككى يىغىن»دا سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدا سۆز قىلغاندا، ئادالەت ئېزىز سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقات قوشۇنى قۇرۇپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە لېكسىيە سۆزلەشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ قانۇننى بىلىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىشى كېرەك، دەپ تەكلىپ بەردى. يىغىندىن كېيىن تەپتىش مەھكىمىسى بۇ تەكلىپكە جاۋاب بەردى ھەمدە تەكلىپلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. 

ئادالەت ئېزىز قاراماي شەھىرىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يەنە قاراماي بېيجىڭ سىفەن داشۆسى قارمىقىدىكى مەكتەپ ۋە قاراماي رايونلۇق 15-باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. 

2019-يىلى 8-ئايدا، ئادالەت ئېزىز يەنە بىر يېڭى سالاھىيەتكە ئىگە بولدى، ئۇ جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسىنىڭ 1-نۆۋەتلىك تەكلىپلىك رېۋىزىيە خادىمى بولدى. ئۇ بۇنىڭ بىر خىل شەرەپ، تېخىمۇ مۇھىمى بىر خىل مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنەتتى، شۇڭا تۈزۈم سىستېمىسى ماتېرىيالىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان رەھبەرلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن مەسلىھەت سوراپ، رېۋىزىيە ھوقۇقىنى قانداق قىلىپ توغرا يۈرگۈزۈش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، جەمئىيەت ئەھۋالى، ئەلرايىنى ئىنكاس قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، تەكلىپلىك رېۋىزورلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلدى. 

ئادالەت ئېزىز خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش كەچۈرمىشىدىن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىكى، ھەر بىر ۋەكىلنىڭ قوش سالاھىيىتى بار، ئۇلار ھەم ئۆز خىزمىتىنى تاماملىشى، ھەم خەلق يۈكلىگەن بۇ ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. 

ئادالەت خىزمەت جەريانىدا ئۆزىگە باشتىن-ئاخىر قاتتىق تەلەپ قويۇپ، خىزمەتلەرنى پائال قانات يايدۇرۇپ، نېفىتلىككە تۆھپە قوشتى. 2019-يىلى ئادالەت 20 نۇقتىلىق قۇدۇقنىڭ ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش-ئۆلچەش، ئانالىز قىلىش خىزمىتىنى توغرا تاماملاپ، چارلاش ـ ئېچىشنى بىرىنچى قول ئاساسىي ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى.

ئادالەت ئېزىز مۇنداق دېدى: ۋەكىل بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىن ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا تېخىمۇ چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى تېخىمۇ كۆپ ئەكس ئەتتۈرۈپ، ھۆكۈمەت بىلەن خەلق ئارىسىدىكى كۆۋرۈك، رىشتە بولىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ساپانى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ لاياقەتلىك ۋەكىل بولۇپ، ئامما ئۈچۈن تېخىمۇ سۈپەتلىك، تېخىمۇ سەۋىيەلىك تەكلىپ، پىكىر بېرىپ، شىنجاڭ نېفىتلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، قاراماينىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئاكتىپ رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى نېفىتچىدە بولۇشقا تېگىشلىك روھ بىلەن داۋاملىق تۆھپە قوشىمەن!

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئادالەت ئېزىز: ياش ئۆسمۈرلەرگە قانۇن تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك