ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-26 11:23

 

 

 

 

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئېچىلىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى.

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن بۇيان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز سودا قىلىش ۋە يېيىشنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش ھەققىدىكى قارارنى چىقىرىپ، ئاممىۋى سەھىيە قانۇنچىللىق كاپالىتى سىستېمىسىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى قانۇن چىقىرىش، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە باشلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش قانۇنىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قانۇن مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى.

لى جەنشۇ دوكلاتىدا دائىمىي كومىتېتنىڭ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى خىزمەت ئەھۋالىنى يەكۈنلەپ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 48 قانۇن لايىھەسى، قارار لايىھەسىگە قاراپ چىقتى، 34 ىنى ماقۇللىدى؛ 39 دوكلاتنى ئاڭلىدى ۋە قاراپ چىقتى، ئالتە قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، ئۈچ قېتىم مەخسۇس سۈرۈشتۈرۈش، يەتتە تۈرلۈك مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانۇن يايدۇرۇپ، بىر قارارنى چىقاردى؛ ئىككى تەرەپلىك بەش شەرتنامىنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى؛ دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەتچىسىدىن 282 ئادەم قېتىم قانۇن بويىچە ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ياكى قالدۇردى، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. 1-ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامى بېرىش ھەققىدىكى قارار، جازا ئۆتەۋاتقان بىر قىسىم جىنايەتچىلەرنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش ھەققىدىكى قارارنى چىقاردى، «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا دائىر قانۇن تۈزۈم ۋە ئىجرا مېخانىزمىنى ئورنىتىشى ھەم مۇكەممەللەشتۈرۈشى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى»نى تەتقىق قىلىپ تۈزدى ھەم قاراپ چىقتى. 2-جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ماسلىشىپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، زور ئىسلاھاتلارنىڭ قانۇن ئاساسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ يۇقىرى سۈپەتلىك قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى؛ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە قانۇن چىقىرىشنى تېزلەتتى؛ رېۋىزىيە، ئەدلىيە، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق ساھەلەردە قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتتى. 3-قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن، زور ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋەزىپىلىرىنى چۆرىدەپ، نازارەت خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈردى. مەمۇرىي ھوقۇق، رېۋىزىيە ھوقۇقى، سوتلاش ھوقۇقى، تەپتىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە توغرا يۈرگۈزۈشكە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، پۇقرالار بەك غېمىنى يېگەن جىددىي، قىيىن ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىگە تېخىمۇ ياخشى ياردەملەشتى. 4-ۋەكىللەرنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى قوللاش ۋە مۇلازىمەت قىلىش خىزمەت تۈزۈمى، مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ھەققىدىكى 35 ماددىلىق كونكرېت تەدبىرنى تۈزۈپ، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرى ۋە تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئەستايىدىل بېجىرىپ، ۋەكىللەرنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ ۋەكىللەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللەر بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ۋەكىللەرگە مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. 5-پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە ئومۇملىقىغا مۇلازىمەت قىلىشنى چۆرىدىگەن ھالدا دىپلوماتىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى خىزمەتتىكى تەشەببۇسكارلىقى، قاراتمىلىقى، بىر تۇتاش پىلانلاشچانلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. ئالتىنچى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى چىڭىتىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى.

لى جەنشۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمىتىدە يەنە بىر قىسىم پەرق ۋە يېتەرسىزلىكلەر ساقلانماقتا. بىز ۋەكىللەر ۋە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز ۋە ياخشىلايمىز.

لى جەنشۇ دوكلاتىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى-دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىغا تىرەك بولىدىغان تۈپ سىياسىي تۈزۈم. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىيەت ئالاھىدىلىكى، دەۋر ئالاھىدىلىكىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئارقىلىق، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى خەلقنىڭ قولىغا مەھكەم تۇتقۇزۇش كېرەك.

لى جەنشۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2020-يىلى، پارتىيەمىز خەلقنى يېتەكلەپ، بىرىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. دائىمىي كومىتېت-جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۆت ئاڭنى كۈچەيتىپ، تۆت ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىككىنى قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش، تۆت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەڭكەش ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان-ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمىتىنىڭ باش رىتىمىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە، يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. 

لى جەنشۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئاساسلىق ۋەزىپىلەرنى ئالتە تەرەپتىن بايان قىلدى: ئاساسىي قانۇننىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز؛ مۇھىم ساھەلەردە قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىمىز؛ نازارەتچىلىك خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلەيمىز؛ ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى قوللايمىز؛ تاشقى ئالاقىنى پائال قانات يايدۇرىمىز؛ دائىمىي كومىتېتنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. 

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جۇ چياڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەرگەندە مۇنداق دېدى: 2019-يىلى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تىرىشىپ خەلق ئاممىسىغا ھەر بىر ئەدلىيە دېلوسىدا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش» نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، ئەدلىيەنى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش، ئەدلىيەنى ئادىل يولغا قويۇشتا چىڭ تۇردى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇرغان دېلو 34مىڭ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇرغان، ئىجرا قىلىپ ئاياغلاشتۇرغان دېلو 29 مىليون  22مىڭ.

جۇ چياڭ 2019-يىللىق ئاساسلىق خىزمەتلەرنى سەككىز جەھەتتىن دوكلات قىلدى: بىرىنچى، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەر جۇڭگو قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردۇق؛ ئىككىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلدۇق؛ ئۈچىنچى، ئەدلىيەنى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش، ئەدلىيەنى ئادىل قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغدىدۇق؛ تۆتىنچى، خەلققە قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك زىددىيەت، ماجىرالارنى ھەل قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، جەمئىيەتنى تۈزەشكە پائال قاتناشتۇق.  بەشىنچى، «ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش» نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىجرا خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك يۈرۈشۈشىنى ساقلىدۇق؛ ئالتىنچى، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ۋە ئاقىل سوت مەھكىمىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەدلىيە سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە ئاممىۋى ئىشەنچلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق؛ يەتتىنچى، ئىنقىلابىيلىشىش، مۇنتىزىملىشىش، كەسىپلىشىش، كەسپىيلەشتۈرۈش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق سوت مەھكىمىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتتۇق؛ سەككىزىنچى، نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتتۇق ۋە ياخشىلىدۇق. 

جوۋ چياڭ مۇنداق دېدى: خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 2020-يىللىق خىزمەت ۋەزىپىسى-دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كۈچەپ مۇلازىمەت قىلىپ ۋە كاپالەتلىك قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىش؛ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەر جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا كۈچەپ مۇلازىمەت قىلىش؛ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچەپ مۇلازىمەت قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان ۋەزىپىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەدلىيە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش؛ خەلق تۇرمۇشىغا ئەدلىيە جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى رايون ۋە جىنس قاتارلىق كەمسىتىشنى قانۇن بويىچە قەتئىي تۈزىتىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ ئەمگەك توختامى مۇناسىۋىتىنى سەۋەبسىز بىكار قىلىش قىلمىشىنى قانۇن بويىچە قەتئىي تۈزىتىش؛ سوتلاش سىستېمىسى ۋە سوتلاش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەدلىيە مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ سادىق،  دۇرۇس،  مەسئۇلىيەتچان، كۈچلۈك   سوت   مەھكىمىسى   قوشۇنىنى   تىرىشىپ   قۇرۇش. 

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى جاڭ جۈن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەرگەندە مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك نازارەتچىلىكىدە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىيەتنى نەزەرگە ئېلىپ، تەرەققىياتنى كۆزلەپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك تەپتىش خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. دوكلاتتا تەپتىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى، 2019-يىللىق خىزمەتلەر ئەسلەپ ئۆتۈلدى، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى. 

جاڭ جۈن مۇنداق دېدى: 2020-يىلى 2-ئايدىن 4-ئايغىچە تەپتىش ئورگانلىرى يۇقۇمغا چېتىشلىق جىنايى ئىشلار جىنايىتىگە مۇناسىۋەتلىك 3700دىن ئارتۇق ئادەمنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى. 2500 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئەيىبلىدى، جامائەتچىللىق دەۋا دېلوسىدىن 2800 دىن كۆپرەكىنى بېجىردى. 2019-يىلى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى بېجىرگەن تۈرلۈك دېلو 3 مىليون 140 مىڭدىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.7 كۆپەيدى. بىرىنچى، دۆلەت ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئومۇمىيىتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇق. دۆلەتنىڭ سىياسىي خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ،  قارا جەمئىيەت، رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش مەخسۇس كۈرىشىنى قانۇن بويىچە قاتتىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە پۇختا مۇلازىمەت قىلىپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئەمەلىي قوللاپ، رولىمىزنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىدىن كەلگەن ئەرزلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش تۈزۈمىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى  دېلو  بېجىرىشكە قارىتىپ،  ئىجتىمائىي قانۇنچىللىق قارىشىغا يېتەكچىلىك قىلدۇق.

ئىككىنچى، دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ۋە ماسلىشىپ، قانۇن نازارەتچىلىكى مەسئۇلىيىتىمىزنى پۇختا ئادا قىلدۇق. جىنايى ئىشلار تەپتىشلىكىنى ياخشىلاپ، ھەق تەلەپ تەپتىشلىكىنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي تەپتىشلىكنى چىڭىتىپ، جامائەتچىللىق دەۋا تەپتىشلىكىنى ياخشى قىلدۇق. ئۈچىنچى، ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى چىڭ تۇتۇپ، تەپتىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈردۇق. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، تەپتىش كەسپى قۇرۇلۇشىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەپتىش ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇردۇق. تۆتىنچى، خەلقنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، تەپتىش ھوقۇقىنى ئاشكارا يۈرگۈزدۇق.

جاڭ جۈن مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان يىل، يۇقۇم يېڭى خىرىس  ئېلىپ كەلدى، تەپتىش ئورگانلىرى چوقۇم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىدە، «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش»تا، «مۇقىم ئىلگىرىلەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يۇقىرى كۆتۈرۈش»تە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، قانۇنچىللىق ئاڭلىقلىقى، تەپتىش ئاڭلىقلىقى بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. 

يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2956 بولۇپ، 2886 ۋەكىل قاتناشتى، 70 ۋەكىل قاتنىشالمىدى، يىغىنغا قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن. 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئېچىلىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى.