ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭلىق ۋەكىللەر: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدەغەلىبە قىلىمىز

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-27 10:22

 

مۇخبىرىمىز ئەنۋەر ئەركىن خەۋىرى: 

您的浏览器不支持 audio标签

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا ماۋنەن مىللىتىنىڭ پۈتۈن مىللەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىغا قارىتا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭلىق ۋەكىللەرنى ھاياجانلاندۇردى ھەم ئىلھاملاندۇردى. 

نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان-ۋەزىپىسى تاماملىنىشقا يېقىنلاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن يېڭى خىرىس نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان-ۋەزىپىسىنى تاماملاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋەتتى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، نامراتلارنى يۆلەش كەسپىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىنى پائال قوللاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئاساس سالدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى ئاچقۇچ. تۇرپان شەھىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاشتا ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئاساس قىلغان تۈرلۈك يانداش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ناھايىتى ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. 

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، تۇرپان شەھەرلىك باغۋەنچىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مۇلازىمىتى مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ھۆرنىسا قادىر 

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى نامراتلارنى كەسىپ ئارقىلىق يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشتا، بولۇپمۇ باشلامچى كارخانىلارنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ شىنيې گۇرۇھى كېرىيە گۈيمى بىيو-پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئادىل ئابدۇرازاق

شىنجاڭ شىنيې گۇرۇھى كېرىيە گۈيمى بىيو-پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قىزىل گۈل ئۆستۈرۈش تەجرىبە بازىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كەلدى، قانچە ھالقىلىق پەيتكە كەلگەنسېرى شۇنچە ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك.

ھازىر، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ ئىستىھكامنى ئالىدىغان كۈچەش باسقۇچىغا كەلدى. 

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى مەمتىمىن ئابدۇغېنى: «بىز چوقۇم ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىمىز» دېدى.

    中央广播电视总台 央广网 版权所有

    شىنجاڭلىق ۋەكىللەر: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدەغەلىبە قىلىمىز

    نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان-ۋەزىپىسى تاماملىنىشقا يېقىنلاشتى.