ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ «يېشىدىن ھالقىغان»سودا قىلىشىغا بولمايدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-26 09:31

 

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ ياشلىق بالا مودېلنىڭ سۈرەتكە چۈشۈش جەريانىدا ئاپىسىدىن تاياق يېگەنلىكى توغرىسىدىكى ۋىدېيو»، «ۋىكتورىيەنىڭ سىرى بالىلار مودېللىرى»، «بالا چولپانلارنى تەربىيەلەش ئالدامچىلىقى»، «بالا چولپانلارنىڭ توردا بىۋاسىتە تارقىتىشى ۋە ئىئانە توپلىشى» قاتارلىق قىزىق نۇقتىلىق خەۋەرلەر ئۈزلۈكسىز تودا تارقىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۆزىنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ۋە ياكى يېشى، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتكە ماس كەلمەيدىغان خىزمەتلەر بىلەن مەجبۇرىي شۇغۇللىنىپ، جىسمانىي ھوقۇقى، تەربىيەلىنىش ھوقۇقى، مال-مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتەك ئەھۋاللار بەلگىلىك دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلدى.

بۇ يىللىق ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى  «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ سودا پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغاندىكى ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى لايىھە»نى تاپشۇرۇپ، كەسىپ ئىجازەت ئۆلچىمىنى قۇرۇپ چىقىش، قانۇنىي ۋاكالەتچىسىنىڭ ۋەسىيلىك ھوقۇقىغا قارىتا يېتەكلەش، نازارەت قىلىش ۋە جازالاش ئارقىلىق، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ سودا پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغاندىكى  ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى ئۇنىۋېرسال مېخانىزمنى شەكىللەندۈرۈش تەكلىپىنى بەردى.

جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتى لايىھەدە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ سودا پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش توغرىسىدا قانۇن بوشلۇقى بار. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى، ئېلان قانۇنى ۋە «قۇرامىغا يەتمىگەنلەر پىروگراممىسىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»، «قۇرامىغا يەتمىگەن ئىشچىلارنى ئالاھىدە قوغداش بەلگىلىمىسى»دە، قوغدايدىغان ياش دائىرىسىنىڭ قاپلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق ۋە شۇغۇللىنىدىغان سودا پائالىيەتلىرىنىڭ تۈرلىرىنى يېتەرلىك كۆرسەتمەسلىكتەك ئەھۋاللار مەۋجۇت؛ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ سودا خاراكتېرلىك ئويۇن قويۇشتىكى كەسىپ ئۆلچىمى قاتارلىقلار كەمچىل. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەق-تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىدىمۇ بۇ تۈردىكى ئەھۋاللارغا قارىتا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر كەمچىل.

جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتى لايىھەدە مۇنداق تەكلىپ بەردى: قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ سودا خاراكتېرلىك ئويۇن قويۇش جەريانىدىكى ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا دائىر بەلگىلىمىلەر كۆپەيتىلىپ، «بالىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش» پىرىنسىپى ئارقىلىق باشقا ئالاقىدار قانۇن چىقىرىشقا يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەخسۇس قانۇن چىقىرىشنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇشنى تېزلىتىپ، ئالدى بىلەن رايون خاراكتېرلىك مەمۇرىي قانۇن-نىزاملارنى تۈزۈشنى سىناق قىلىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەت قاتلىمىدىن قانۇن چىقىرىشقا كۆتۈرۈش كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ سودا پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى كەسىپ ئۆلچىمىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. قۇرامىغا يەتمىگەنلەر قاتناشقان سودا پائالىيەتلەرنىڭ مەزمۇنى ۋە ئالاھىدىلىكى، جىسمانىي ئەھۋالى، مەجبۇرىي مائارىپ، ئۆگىنىش نەتىجىسى قاتارلىق جەھەتلەردە كەسىپكە كىرىش ئۆلچىمىنى تۇرغۇزۇش كېرەك؛ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەكلىپ قىلغانلارغا قارىتا تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش توختامى، خىزمەت ۋاقتى، خىزمەت سىجىللىقى، خىزمەت مۇھىتى، خىزمەت مەزمۇنى، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغاندىكى نازارەتچىلىك، جازالاش قاتارلىق جەھەتلەردە كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىش كېرەك. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ سودا پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش قىلمىشىنىڭ بالىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى ۋە جىسمانىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاتا-ئانىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەسىيلىك ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش ئەھۋالىغا قارىتا، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتى لايىھەدە مۇنداق تەكلىپ بەردى: قانۇنىي ۋاكالەتچىسىگە بولغان يېتەكلەش، نازارەتچىلىك ۋە باھالاش مېخانىزمىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قانۇنىي ۋاكالەتچىسىنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىشقا يېتەكلەپ، خىزمەت قىلىشقا مەجبۇرلاش، زوراۋانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ئىقتىسادىي جەھەتتىن مەھرۇم قىلىش، تەربىيەلىنىش ھوقۇقىنى كېمەيتىشكە يول قويماسلىق كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلەر ئارقىلىق نازارەتچىلىك ۋە باھالاش مېخانىزمىنى تۈزۈپ چىقىپ، ۋەسىيلىك ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلەتكەن-ئىشلەتمىگەنلىكىنى ھەمدە قالايمىقان ئىشلىتىش دەرىجىسىنى ئۆلچەش كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، ۋەسىيلىك ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بەلگىلىمىسىدىن بۇرۇن ۋەسىيلىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنى چەكلەش بەلگىلىمىلىرىنى قوشۇپ، يېنىكلىكتىن ئېغىرلاشقىچە بولغان كۆپ خىللىق جازالاش مېخانىزمىنى تەسىس قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ «يېشىدىن ھالقىغان»سودا قىلىشىغا بولمايدۇ

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ ياشلىق بالا مودېلنىڭ سۈرەتكە چۈشۈش جەريانىدا ئاپىسىدىن تاياق يېگەنلىكى توغرىسىدىكى ۋىدېيو»، «ۋىكتورىيەنىڭ سىرى بالىلار مودېللىرى»، «بالا چولپانلارنى تەربىيەلەش ئالدامچىلىقى»، «بالا چولپانلارنىڭ توردا بىۋاسىتە تارقىتىشى ۋە ئىئانە توپلىشى» قاتارلىق قىزىق نۇقتىلىق خەۋەرلەر ئۈزلۈكسىز تودا تارقىلىپ،