ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلقئارا جەمئىيەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىگە يۇقىرى باھا بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-20 17:36

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

 جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە 73-نۆۋەتلىك دۇنيا سەھىيە كېڭىشى ۋىدېيو يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا «ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىقى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئەربابلىرى: رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ، تەدبىرلەردە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتى نامايان قىلىندى، دەپ ھېسابلىدى. بۇ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىنسانلار تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى ئەڭ كۈچلۈك قورال. ئۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى قوللىغانلىق خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى، ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشنى قوللىغانلىق دەپ تەكلىپ قىلدى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى سىياسىي جەھەتتىن قوللاش ۋە مەبلەغ سېلىنمىسىنى كۆپەيتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

 72-نۆۋەتلىك دۇنيا سەھىيە كېڭىشىنىڭ رەئىسى، لائوسنىڭ سەھىيە مىنىستىرى بېنگون سىخافون مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. جۇڭگو يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا پائال ئۈنۈمگە ئېرىشتى. جۇڭگو ئۆزى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپلا قالماي، يەنە جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى يەر شارىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا تەجرىبە بىلەن تەمىنلەش ۋە ياردەم بېرىشكە سەپەرۋەر قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بەردى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى ئەۋەتتى. جۇڭگو دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يەر شارى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىدى، مەن رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىقى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى ئىنتايىن قۇۋۋەتلەيمەن.

رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى ئاجىز، ئۇلارنىڭ مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملىشىگە ياردەم بېرىش خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە ھەممىدىن مۇھىم. ئۇ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ماددىي ئەشيا، تېخنىكا، ئادەم كۈچى ياردىمى بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئوۋېن كالۇۋا بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئافرىقا دۆلەتلىرى شەخسىي مۇداپىئە بۈيۇملىرى ۋە باشقا داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىغا ئېھتىياجلىق، جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىسى ۋە باشقا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بايلىقىدىن بەھرىمەن قىلىشى ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم.

مىسىر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئاسىيا ئىشلىرى مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى خانى سەلىم مۇنداق دېدى: زادى نېمە جۇڭگونىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن بۇ سىناقتا دۇنيا خەلقىگە بەرگەن ياردىمىنى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىدىن بەكرەك چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ؟ جۇڭگونىڭ ھازىر خەلقئارادا قىلىۋاتقان ئىشلار مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت قىلىدىغان ئىشلار. پۈتۈن دۇنيا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن ئىبارەت بۇ كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلگەندە، جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بەردى، مانا بۇ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ سىياسىي ئالىمى، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق سابىق مەدەنىيەت مەسلىھەتچىسى سالىھ ساغىرى مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە جۇڭگونىڭ خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، بۇ جۇڭگونىڭ چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيەتچانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ئۇ سۆزىدە ئافرىقا دۆلەتلىرىنى قوللاپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، يۇقۇم بېسىمى ئىنتايىن ئېغىر بولغان دۆلەتلەرنى قوللاشنى زورايتىشنى تىلغا ئالدى، بۇ مۇشۇ دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە پايدىلىق.

رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە: جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ جۇڭگودا يەر شارى ئىنسانپەرۋەرلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئامبىرى ۋە تۈگۈنى تەسىس قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىگە تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىشنى ھەمدە تىرانسپورت ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش يېشىل يولى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئەربابلار بۇنى قۇۋۋەتلىدى. 

ئاۋسترالىيە ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئاخبارات تورىنىڭ باش مۇھەررىرى ماكۇس روبېنستان مۇنداق دېدى: ماددىي   ئەشيا بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىگە كاپالەتلىك قىلىش يەر   شارى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە جۇڭگو ناھايىتى ياخشى ئىشلارنى قىلدى، خەلقئارا جەمئىيەتمۇ ھەرىكەتكە كېلىپ، يەر شارى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارا سودىدا ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ مول، نەتىجىلىك تەمىنلەش زەنجىرى بەرپا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، بۇ كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزغا بەخت يارىتىدۇ.

رەئىس شى جىنپىڭ  يەر شارى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەمكارلىشىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق يەر شارى ماكانىنى بىرلىكتە قوغداپ، ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىقى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى. نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئەربابلار بۇنى چوڭقۇر قۇۋۋەتلىدى، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىقى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك، دەپ ھېسابلىدى.

ئەنگلىيە ئوكسفورد داشۆسى جۇڭگو مەركىزىنىڭ مۇدىرى رانا مىت مۇنداق دېدى: ئىنسانىيەت سەھىيە- ساغلاملىقى ئورتاق گەۋدىسى ئىنتايىن مۇھىم ئۇقۇم. بۇ نۇقتىنى چۈشىنىشتە ئىنتايىن مۇھىم بولغىنى شۇكى، بىز يۇقۇم كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتا مەلۇم بىر دۆلەتكە تايىنىشقا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك، چوقۇم پۈتۈن دۇنيادىكى ئالىملار، ئىلىم ئەھلى، ھەتتا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىرلىكتە قاتنىشىشى كېرەك. 

 ئاۋسترالىيە-جۇڭگو سودا -سانائەت كومىتېتى شىمالىي رايون شۆبە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دەيرو گۇبى مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھەقىقىي ھەرىكەت قوللىنىپ، ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى ئاجىز بولغان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملىشىگە ياردەم بېرىپ، جۇڭگونىڭ بۇ دۆلەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئىپادىلىدى. فىرانسىيە پارىژ فىرانسىيە-جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رىيازىد بېينامى رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى تەرتىپكە سېلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇشتۇمتۇت ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش سۈرئىتىنى ئاشۇرۇپ، يەر شارى ۋە رايون يۇقۇم مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش مەركىزى قۇرۇش» تەكلىپىنى ئىنتايىن قۇۋۋەتلىدى. «بۇ يىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى قەتئىي قوللىشى كۆپ تەرەپچىلىكنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى تەرتىپكە سېلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پايدىلىق».

بىرازىلىيە ۋاگاس فوندى جەمئىيىتى بىرازىلىيە-جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئېۋاندېرو كاۋالو مۇنداق دېدى: خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ مۇراجىئەت قىلغاندەك، خەلقئارا جەمئىيەت دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى سىياسىي جەھەتتىن قوللاش ۋە مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، يەر شارى بايلىقىنى قوزغاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشى كېرەك. «بۇ قېتىمقى يۇقۇم دۇنياغا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈشكە زور تۆھپە قوشتى، ئۇنىڭ رولى تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى تونۇتتى. جۇڭگونىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللىشى كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداشنىڭ كۈچلۈك ئىپادىسى. 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەلقئارا جەمئىيەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىگە يۇقىرى باھا بەردى

جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە 73-نۆۋەتلىك دۇنيا سەھىيە كېڭىشى ۋىدېيو يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا «ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىقى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.