ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ دۇنيا سەھىيە كېڭىشىنىڭ ۋىدىيو يىغىنىدا سۆز قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا، گۈزەلنۇر|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-20 17:45

 

 

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە 73-نۆۋەتلىك دۇنيا سەھىيە كېڭىشى ۋىدىيو يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا «ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئىنسانىيەت سەھىيە، ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن ئىبارەت 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە تاسادىپىي ۋەقەسى ئالدىدا، ھەر قايسى دۆلەت خەلقى باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆز ئارا ھەمدەم بولۇپ، ئېغىر كۈنلەرنى بىللە ئۆتكۈزدى. جۇڭگو خەلقنى ئاساس قىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر ئاشكارا، ئېنىق، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىگە باشتىن-ئاخىر ئەمەل قىلىپ، ھەم ئۆز دۆلەت خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن سالامەتلىكىگە مەسئۇل بولدى ھەم يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىر يۇقۇم يەنىلا يامراۋاتىدۇ، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتە يەنىلا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئافرىقا ئەللىرىنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، يەر شارى ئاممىۋى سەھىيەسىنى ئىدارە قىلىشنى چىڭىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ يەر شارى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بەش چوڭ تەدبىرىنى جاكارلىدى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ، ئىنسانىيەت سەھىيە، ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە، ئىنسانلارنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە، بۇ قېتىمقى دۇنيا سەھىيە كېڭىشى ۋىدىيو يىغىنىنى ئېچىش-ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ تەكىتلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تۇيۇقسىز پەيدا بولدى، ھازىر 210 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونغا تارقىلىپ، يەتتە مىلياردتىن ئارتۇق نوپۇسقا تەسىر كۆرسەتتى، 300 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قىممەتلىك ھاياتىغا زامىن بولدى. مەن بەختكە قارشى قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىمەن، ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن ھال سورايمەن. ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تارىخى يەنە كېسەللىك ۋە بالايى-ئاپەت بىلەن بىلەن كۈرەش قىلىش تارىخى. ۋىرۇسنىڭ دۆلەت چېگراسى يوق، يۇقۇم ئىرق ئايرىمايدۇ. ئەلپازى يامان يۇقۇم ئالدىدا، ھەر قايسى دۆلەت خەلقى باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆز ئارا ھەمدەم بولۇپ، ئېغىر كۈنلەرنى بىللە ئۆتكۈزۈپ، دۇنياۋى مېھرى-مۇھەببەتنى نامايان قىلىپ، يۇقۇم بىلەن كۈرەش قىلىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بەكمۇ جاپالىق تېرىشىپ، غايەت زور بەدەل تۆلەش ئارقىلىق، جۇڭگو يۇقۇم ۋەزىيىتىدە كۈچلۈك بۇرۇلۇش ياساپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن سالامەتلىكىنى قوغدىدى. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ئاشكارا، ئېنىق، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەرگە يۇقۇم ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ، ۋىرۇسنىڭ گېن تەرتىپى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى دەرھال ئېلان قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە داۋالاپ قۇتقۇزۇش تەجرىبىلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇپ، ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرنى چامىنىڭ يېتىشىچە زور كۈچ بىلەن قوللىدى ۋە ياردەم بەردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىر يۇقۇم يەنىلا يامراۋاتىدۇ، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتە يەنىلا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. مەن مۇنداق تەكلىپلەرنى بېرىشنى خالايمەن: 

بىرىنچى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلساق. بۇ-نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش. بىز خەلقنى ئاساس قىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، داۋالاش كۈچلىرى ۋە مۇھىم ئەشيالارنى ئىلمىي تەقسىملەپ، مۇداپىئە، ئايرىش، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، داۋالاپ قۇتقۇزۇش، ئىز قوغلاش قاتارلىق مۇھىم ساھەلەردە كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ يەر شارىدا يامراش ۋەزىيىتىنى تېزدىن تۈگىتىپ، يۇقۇمنىڭ چېگرا ھالقىپ تارقىلىشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن توسۇشىمىز؛ ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى كۈچەيتىپ، پايدىلىق تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى ئالماشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش چارىسى، كىلىنىكىلىق داۋالاپ قۇتقۇزۇش، ۋاكسىنا-دورا تەتقىقاتىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىمىز ۋە ھەر قايسى دۆلەت ئالىملىرىنىڭ ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى ۋە تارقىلىش يولى جەھەتتىكى يەر شارى ئىلىم-پەن تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇشىنى داۋاملىق قوللىشىمىز كېرەك.

ئىككىنچى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرساق. باش ئىش بېجىرگۈچى تېدروسنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشكە زور تۆھپە قوشتى، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنى يۈكسەك ماختىدى. نۆۋەتتە، خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھالقىلىق باسقۇچتا تۇرماقتا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى قوللاش-خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى قوللىغانلىق، ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشنى قوللىغانلىق. جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى سىياسىي جەھەتتىن قوللاش ۋە مەبلەغ ئاجرىتىشنى كۈچەيتىپ، يەر شارىنىڭ بايلىقىنى ئىشقا سېلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.

ئۈچىنچى، ئافرىقا ئەللىرىنى قوللاشنى كۈچەيتسەك. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى ئاجىز، ئۇلارنىڭ مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملىشىگە ياردەم بېرىش-خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدىكى مۇھىم ئىش. ئافرىقا ئەللىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئەشيا، تېخنىكا، ئادەم كۈچى مەدىتى بىلەن تەمىنلەش لازىم. جۇڭگو 50 تىن ئارتۇق ئافرىقا دۆلىتى ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقىغا نۇرغۇن داۋالاش ياردىمى ئەشيالىرىنى تاپشۇرۇپ بەردى، بەش داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى مەخسۇس ئەۋەتتى. نۆۋەتتە، ئافرىقىدا دائىملىق تۇرۇۋاتقان جۇڭگونىڭ 46 داۋالاش ئەترىتى شۇ جايلارنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشماقتا.

تۆتىنچى، يەر شارىنىڭ ئاممىۋى سەھىيەسىنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتسەك. ئىنسانلار يۇقۇم ئۈستىدىن ھامان غەلىبە قىلىدۇ، لېكىن زور ئاممىۋى سەھىيە تاسادىپىي ۋەقەسى-ئىنسانلارغا نىسبەتەن ئاخىرقى قېتىملىقى ئەمەس. بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئاشكارىلىغان ئاجىزلىق ۋە يېتەرسىزلىكلەرگە قارىتا، ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىنكاسىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، يەر شارى ۋە رايون يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەشيا زاپىسى مەركىزىنى قۇرۇش كېرەك. جۇڭگو يەر شارىدىكى يۇقۇم تىزگىنلەنگەندىن كېيىن، يەر شارىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك باھالاپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاشنى قوللايدۇ. بۇ خىزمەت-ئىلمىي، كەسپىي پوزىتسىيەگە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىكىگە موھتاج، ئوبيېكتىپلىق، ئادىللىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش لازىم.

بەشىنچى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئەسلىگە كەلتۈرسەك. شارائىتى بار دۆلەتلەر دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كەسپىي تەكلىپىگە ئاساسەن، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى، ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشى كېرەك. خەلقئارا ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىم، راۋان بولۇشىنى قوغداپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىمكانقەدەر ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

ئالتىنچى، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتسەك. ئىنسانلار تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى ئەڭ كۈچلۈك قۇرال. بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيدىز كېسىلى، ئىبولا، قۇش زۇكىمى، A تىپلىقH1N1 تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق ئېغىر يۇقۇملارغا تاقابىل تۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم تەجرىبىسى، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ھەمكارلىشىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىدىكى توغرا يول.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ، ھەم ئۆز دۆلىتى خەلقىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىغا مەسئۇل بولىدۇ، ھەم يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرىدا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ يەر شارى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەر بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا قارشى كۈرەش قىلىشى شۇنداقلا ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىككى يىلدا 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، جۇڭگودا يەر شارى ئىنسانپەرۋەرلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئامبىرى ۋە تۈگۈنى قۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىگە تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىدۇ ھەمدە توشۇش ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش يېشىل يولىنى بەرپا قىلىدۇ. جۇڭگو-ئافرىقا نىشانلىق داۋالاش دوختۇرخانىلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىدىن 30نى بەرپا قىلىپ، ئافرىقا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش مەركىزى باش ئورگىنى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئافرىقىنىڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. 

جۇڭگو يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى تاماملاپ بولغان ھەمدە ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرگەندىن كېيىن، يەر شارى ئاممىۋى مەھسۇلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋاكسىنىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ئىشلىتىلىشى ۋە خەلقنىڭ ۋاكسىنا ھەققىنى ئۈستىگە ئالالىشىغا جۇڭگونىڭ تۆھپىسىنى قوشىدۇ.

جۇڭگو 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە «ئەڭ نامرات دۆلەتلەرنىڭ قەرزىنى تۆلەشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈش تەشەببۇسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، يۇقۇم ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر، بېسىمى ئىنتايىن چوڭ دۆلەتلەرنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىنچىلىقنى يېڭىشىگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. 

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا: بىز قول تۇتۇشۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق يەر شارى ماكانىنى بىرلىكتە قوغداپ، ئىنسانلار سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىشنى مۇراجىئەت قىلدى. 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ۋە باشقا دۆلەت رەھبەرلىرى سۆزىدە، كۆپ تەرەپچىلىكنى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رولىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى جەھەتتىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

 

 

    中央广播电视总台 央广网 版权所有

    شى جىنپىڭ دۇنيا سەھىيە كېڭىشىنىڭ ۋىدىيو يىغىنىدا سۆز قىلدى

    دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە 73-نۆۋەتلىك دۇنيا سەھىيە كېڭىشى ۋىدىيو يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا «ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئىنسانىيەت سەھىيە، ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.