ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جاپا مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ يەلكەن چىقىرىپ قايتا ئاتلىنايلى-سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنى ئېچىلىش پەيتىدە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-20 16:57

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى جاپا مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ يەلكەن چىقىرىپ قايتا ئاتلىنايلى-سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنى ئېچىلىش پەيتىدە ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلدى.

ئوبزوردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ئېچىلىدۇ، ئىككى ئايدىن كۆپرەك ئارقىغا سۈرۈلگەن 2020-يىللىق ئىككى يىغىن ۋاقتى رەسمىي باشلاندى. بۇ يىل مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ ئاخىرقى يىلى ۋە 13-بەش يىللىق پىلاننىڭ ئاخىرلىشىش يىلىغا توغرا كەلدى ھەمدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش دائىمىيلاشقان ئالاھىدە ئارقا كۆرۈنۈشتە ئېچىلىپ، ھەممىنىڭ ئۈمىدى، زور بۇرچىنى ئۈستىگە ئالدى. بۇ يىللىق ئىككى يىغىننى ياخشى ئېچىش ئېتىقادنى چىڭىتىش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئوبزوردا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئۆتكەن بىر يىلدا ئېلىمىز تەرەققىياتتا كۆپلىگەن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پۈتۈن بىر يىلدىكى ئاساسلىق نىشان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەل قىلغۇچ ئاساس سالدى. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش زور كۆرىشىدە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنى ۋە ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى، بارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ھەر قايسى سەپلەردە ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، دۆلەت ئۈچۈن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش بۇرچىنى جانلىق شەرھلەپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى بولۇشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.

ئىككى يىغىننىڭ ئېچىلىش پەيتى دەل باش ياز مەزگىلىگە توغرا كەلدى. جايلار ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تىز ئىلگىرى سۈردى، مەملىكىتىمىز زېمىنى ھاياتى كۈچكە تولدى. ئاسان قولغا كەلمىگەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتەك جاپالىق تىرىشچانلىقى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جاپا مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ يەلكەن چىقىرىپ قايتا ئاتلىنايلى-سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنى ئېچىلىش پەيتىدە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى جاپا مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ يەلكەن چىقىرىپ قايتا ئاتلىنايلى-سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنى ئېچىلىش پەيتىدە ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلدى.