ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ئىلزات زادەنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىش ھېكايىسى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-20 17:01

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىلزات زادە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ 1-سېپىدە كۆرەش قىلدى. ئۇ ئېغىر نامراتلىق بىلەن ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تاغ ئىچكىرىسىدىكى كەنتلەرگە توختىماي بېرىپ، ئۆمەك باشلاپ شۇ يەردىكى نامرات ئاممىغا داۋالاش مۇلازىمىتى قىلىپ، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە ياردەم بەردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: دوختۇرخانىنىڭ كېسەلخانىسى، تاغ جىلغىسىدىكى نامرات كەنتلەرنىڭ ھەممىسى جەڭ مەيدانى، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى بىلەن خەلقنىڭ تەلەپلىرىنى زىچ باغلاش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز. 

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇددىتىنىڭ تەتۈر ھېسابلاش مەزگىلىگە كىرىشىگە ئەگىشىپ، ئىلزات زادە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك داۋالاش ئەترىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى نامراتلىق قالپىقى ئېلىپ تاشلانمىغان 10 نامرات ناھىيەنىڭ بىرى بولغان گۇما ناھىيەسىگە بېرىپ، شۇ يەردىكى قېلىپ قالغان 386 نامرات ئائىلىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، داۋالاش مۇلازىمىتى قىلدى. ئۇ بارغانلا يېرىدە ئاممىنىڭ ئېغىر كېسەللىك، سوزۇلما كېسەللىك، يۇقۇملۇق كېسەللىك، يەرلىك كېسەللىك قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى سورىدى ھەمدە ئەستايىدىل خاتىرىلەپ، نەق مەيداندا جاۋاب بەردى.

ئېغىر نامرات رايونلاردا ئۇزۇن مەزگىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ تەجرىبە ۋە ئوي پىكىرگە ئىگە بولغان ئىلزات زادەنىڭ بۇ يىللىق تەۋسىيەسى يېزىلاردا ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئۇ ئاساسى قاتلام داۋالاش سەھىيە سىستېمىسىنىڭ ئېلاستىكلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار ئۈستىدە ئالاقىدار تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تەييارلىق قىلدى.

ئىلزات زادە مۇنداق دېدى: پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى ئۇزاق مۇددەتلىك مەسىلە، ئۇنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەنلا ھەل قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ. ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش سەھىيە سىستېمىسىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئۆستۈرۈش زۆرۈر، بۇ بىزنىڭ كەلگۈسىدە داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش يۆنىلىشىمىز.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ئىلزات زادەنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىش ھېكايىسى

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىلزات زادە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ 1-سېپىدە كۆرەش قىلدى.