ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگودىكى ئىككى يىغىن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-21 10:50

2020-يىلغا قەدەم قويغاندا، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن دۇنياغا يامرىدى، ئىنسانلار 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر دۇنياۋى ئاممىۋى سەھىيە تاسادىپىي ۋەقەسىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ۋىرۇس بىلەن كۈچ سىنىشىش دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بۇ ئالاھىدە يىلدا دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىسقا ئايلاندى.

جۇڭگو ئۈچۈن ئېيتقاندا، 2020-يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان، «13-بەش يىل» لىق يىرىك پىلان ئاخىرلىشىدىغان يىل. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگودا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى داۋاملىق ياخشىلىنىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇش تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى. يۇقۇمدا، جۇڭگو دۇنياۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى قانداق ئىلگىرى سۈرىدۇ؟ ئالاھىدە يىلدا، جۇڭگو قانداق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ؟ سىناق ئالدىدا، جۇڭگو نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تاماملاپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا قانداق كاپالەتلىك قىلىدۇ؟

دۇنيا ئىككى يىغىندىن كەلگەن «جۇڭگو جاۋابى»نى كۈتمەكتە.

جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىدە پائال نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

يۇقۇمنىڭ دۆلەت چېگراسى يوق. جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياردەم قولىنى سۇندى. تۈركۈم-تۈركۈم داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توشۇلدى، ئارقا-ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن «بۇلۇت يىغىنى» جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىلىرىدىن بەھرىلەندى، جۇڭگونىڭ داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر ئەترەتلىرى چەت ئەلگە ئاتلاندى... جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى.

پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم مۇرھام مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغۇچىسى ۋە تەشەببۇسچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيا كەسكىن يۇقۇمغا دۇچ كېلىۋاتقان مۈشكۈل پەيتتە، قىلچە ئىككىلەنمەي يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىغا ئاتلىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دۇنياغا ئىشەنچ ۋە كۈچ قوشتى.

جۇڭگو يەنە قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، دۇنيانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؟ بۇ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تەقەززاسىنى قوزغىدى.

كورېيە تانگو داشۆسى سىياسىي دىپلوماتىيە فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى كىم جىنخو مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى ئىككى يىغىننىڭ ئېچىلىش ۋاقتى «ئالاھىدە» بولۇپ، جۇڭگو يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا باسقۇچ خاراكتېرلىك زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ۋاقىتقا توغرا كەلدى. «يۇقۇمدىن كېيىن، جۇڭگو قانداق قىلىپ ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىك سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى كۈچەيتىدۇ، قانداق قىلىپ ئىقتىسادنى يەنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ۋە جانلاندۇرىدۇ، قانداق قىلىپ بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كىرىزىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىدۇ، ئىشىنىمەنكى بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىندىن جاۋاب تاپقىلى بولىدۇ.

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تارقالغاندىن بۇيان، دۇنيا ئىقتىسادى يۇقۇم سەۋەبىدىن پاتقاققا پېتىپ قالدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىقتىسادىي نەزەر دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلى دۇنيا ئىقتىسادى ٪3.2 چېكىنىدىكەن.

دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىپادىسى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك. يەر شارى بازىرى جۇڭگو يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇشقا قانداق قىلىپ يەنىمۇ تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا دىققەت قىلماقتا.  ئىككى يىغىن دۇنيانى يېقىن ئارىلىقتىن كۆزىتىش كۆزنىكى بىلەن تەمىنلىدى.

فىرانسىيە پارىژ 8-داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى پىئېر پىكار مۇنداق دېدى: ئىككى يىغىننىڭ ئېچىلىشى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى، «دۇنيا بۇ يىل ئېچىلغان جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنى ۋە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىپادىسىگە ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ.» 

ئەنگلىيە دۇلۇن داشۆسىنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىلىمى باش پىروفېسسورى گو جيې مۇنداق دېدى: «جۇڭگودىكى ئىككى يىغىندا بەلگىلەنگەن تەدبىرلەر جۇڭگونىڭ كەلگۈسى ئىقتىسادىي تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، دۇنيا ئىقتىسادىي ئەندىزىسىگە يەنىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ، دۇنيا ئىقتىسادى يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن قانچىلىك تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى.»

تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق پەيتكە توغرا كەلدى.

چەت ئەللىك ئەربابلار ئىككى يىغىندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش توغرىسىدىكى يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلارغا دىققەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ نۇقتىلىق نىشان، ۋەزىپىلەرنى قەرەلىدە تاماملاش ئىرادىسى، ئىقتىدارى بار، دەپ قارىدى.

گېرمانىيە بېرلىن پرۇسسىي جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى فولكېر چاپك مۇنداق دېدى: «جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانى يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىدى. بۇ قېتىمقى يۇقۇم جۇڭگونىڭ كۈچلۈك تەرەققىيات مۇساپىسىنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالىدۇ.»

رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى يىراق شەرق تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى ئالېكسېي ماسلوۋكى مۇنداق دېدى: «يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى جۇڭگونىڭ ئاساسلىق ئىستراتېگىيەلىك نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. جۇڭگو بېكىتىلگەن پىلان بويىچە ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، نامراتلىقنى تۈگىتىپ، ئىقتىسادنى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش يولىغا سالىدۇ.»

كېنىيە خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى ئېدخېررى كاۋېنس مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش نەتىجىلىرى «ئىنسانىيەت تارىخىدا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۇلۇغ ئىش»، «جۇڭگو مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققاندا، دۇنيامۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ.»

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگودىكى ئىككى يىغىن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا

2020-يىلغا قەدەم قويغاندا، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن دۇنياغا يامرىدى، ئىنسانلار 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر دۇنياۋى ئاممىۋى سەھىيە تاسادىپىي ۋەقەسىنى باشتىن كەچۈرمەكتە.