ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سىياسىي كېڭەش ئەزاسى يۈكسەك شىجائەت بۇلتۇر نېمە ئىشلارنى قىلدى؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-21 17:06

 

مۇخبىرىمىز گۈلرىز سۈرئەت خەۋىرى:

您的浏览器不支持 audio标签

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ 1-دەرىجىلىك ئارتىسى يۈكسەك شىجائەت 2018-يىلى ئاۋات ناھىيەسى يېڭىئېرىق بازىرىنىڭ سۇيايدى كەنتىگە كېلىپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى باشلىغان. ئامما خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بايقالغان مەسىلىلەر ۋە جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى خاتىرىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەتنى ياخشى، ئەمەلىي ئىشلەش-ئۇنىڭ كەنتتىكى كۈندىلىك خىزمىتى. كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى جەريانىدا، كەنت ئاھالىلىرىنى تەشكىللەپ نومۇر تەييارلاشمۇ ئۇنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمىتى. 

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى يۈكسەك شىجائەت مۇنداق دېدى: ھەر قېتىملىق مۇھىم، چوڭ بايراملاردا، بىز كەنت ئاھالىلىرىنى تەشكىللەپ نومۇر تەييارلايمىز، كۆپچىلىكنىڭ قاتنىشىش قىزغىنلىقى بەك يۇقىرى. ھەر قېتىم نومۇر ئورۇنلىغاندا، پۈتۈن كەنتتىكى 1500دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھەممىسى كېلىپ كۆرىدۇ، كۆپچىلىك خۇددى ئېجىل-ئىناق بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك خۇشال ھالدا بىر يەرگە جەم بولىدۇ. مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىش، تۇرمۇش كەچۈرۈش پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن خەلقنى تەسۋىرلەيمەن، خەلقنى كۈيلەيمەن. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىشلىرىغا بىۋاسىتە قاتنىشالىغىنىم ھاياتىمدىكى ئەڭ قىممەتلىك كەچۈرمىش. مەن پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى داۋاملىق ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ئاممىغا چىن قەلبىم، چىن مەقسىتىم بىلەن ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىمەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سىياسىي كېڭەش ئەزاسى يۈكسەك شىجائەت بۇلتۇر نېمە ئىشلارنى قىلدى؟

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ 1-دەرىجىلىك ئارتىسى يۈكسەك شىجائەت