ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى مەزگىلىدىكى تەكلىپ ۋە تەكلىپ پىكىرلەرنىڭ ھەممىسى بېجىرىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-21 18:04

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى مەزگىلىدە، ۋەكىللەر 491 تەكلىپ ۋە  8160 تەكلىپ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھازىرغىچە، بۇ تەكلىپ ۋە تەكلىپ پىكىرلەرنىڭ ھەممىسى بېجىرىلدى. ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنغانلىرى ياكى تەدرىجىي ھەل قىلىنماقچى بولغانلىرى %71.28نى ئىگىلىدى، مۇنداقچە ئېيتقاندا پۈتۈن بىر يىلدا دەم ئېلىشنى چىقارماي ھېسابلىغاندا، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى ئاز دېگەندە بىر تەكلىپ ۋە 22 تەكلىپ پىكىر بېجىرىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدىن بۇيان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يەتتە قارار ۋەكىللەر ئۆگىنىش كۇرسى ئاچتى، كۇرسقا قاتناشقانلار جەمئىي 1900 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1830دىن كۆپرەك ۋەكىلى مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈشكە ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتىدىن 91ى شەكىللەندۈرۈلدى؛ 2019-يىلى 11-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى تەسىس قىلغان ۋەكىللەر ئالاقە پونكىتى، ۋەكىللەر ئائىلىسى قاتارلىق خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقىلىشىدىغان سەھنە 228 مىڭغا  يەتتى.

سان سىپىرلار يەنە قاتلاندى، قەدەم توختاپ قالمىدى. خەلقنىڭ قىزغىن ئۈمىدى بۇ ئەمەلىي سان سىپىرلار ئىچىدە ئەڭ چوڭقۇر ئىنكاس ۋە جاۋابقا ئېرىشىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى مەزگىلىدىكى تەكلىپ ۋە تەكلىپ پىكىرلەرنىڭ ھەممىسى بېجىرىلدى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى مەزگىلىدە، ۋەكىللەر 491 تەكلىپ ۋە 8160 تەكلىپ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى.