ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ خىزمەتلەر بىزنى سۆيۈندۈرىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-22 16:09

 

5-ئاينىڭ 20-كۈنى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىننىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گو ۋېيمىن ئېلىمىز ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرىغا بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. گو ۋېيمىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مونۇلارنى بىلدۈردى: 2019-يىلى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە زور ئىلگىرىلەش بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ، تۈرلۈك فۇنكسىيەلىرىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. شۇنداق دېيىشكىمۇ بولىدۇكى، 2019-يىلى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تارىخىدىكى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى.

بىرىنچى، مەركەزنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر، پۇختا ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى. بۇلتۇر 9-ئاينىڭ 20-كۈنى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنى ئاچتى، بۇ، پارتىيە تارىخىدا، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تارىخىدا تۇنجى قېتىملىق ئىش. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنى، دائىمىي كومىتېت يىغىنى، مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسى، مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، بارلىق ئەزالارنى ئۆگىنىش، تەربىيەلەشكە تەشكىللەپ، ھەر دەرىجىلىك يەرلىك سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى جانلىق ۋەزىيىتىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.

ئىككىنچى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيىتى مول مەزمۇنلۇق بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، «مەن ۋە بىزنىڭ سىياسىي كېڭەش» باش تېمىسىدىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ باش تېمىسى روشەن، شەكلى كۆپ خىل، قاپلاش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى پائالىيەتتە باش رول ئېلىشقا رىغبەتلەندۈردى. بولۇپمۇ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى تەسىر كۈچى زور 100 تەكلىپ پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، 140 مىڭدىن ئارتۇق تەكلىپ ئىچىدىن ئەلالىرى تاللىنىپ، 100 تەكلىپ باھالاپ چىقىلدى. مەسىلەن، دۆلەت بايرىمى كۈنى توغرىسىدىكى تەكلىپ، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ ۋاقتى ۋە پائالىيەت مەزمۇنى توغرىسىدىكى تەكلىپ، يېزا ئىگىلىك بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپ قاتارلىقلار. بۇ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا جارى قىلدۇرىدىغان مۇھىم رولىنى نامايەن قىلدى.

ئۈچىنچى، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشتا مول ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىش قاتارلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆتكەن بىر يىلدا 97 تۈرنى كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللىدى، ھەر قايسى قاتلاملاردا 73 مەيدان قېتىم كېڭىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ياخشى تەدبىرلەرنى كەڭ دائىرىدە توپلاپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، قاراتمىلىقى كۈچلۈك، مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك زور بىر تۈركۈم پىكىر- تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى، نۇرغۇن تەكلىپ-پىكىرلەر ئالاقىدار ھۆججەتلەرگە ئايلاندۇرۇلدى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنى كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە سىڭدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ، چارە-تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشنى ئىشقا ئاشۇردى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ خىزمەتلەر بىزنى سۆيۈندۈرىدۇ

5-ئاينىڭ 20-كۈنى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى.