ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-22 16:21

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

خەلق گېزىتىدە 5-ئاينىڭ 22-كۈنى تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەيلى-13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز ماۋزۇلۇق باش ماقالە ئېلان قىلىندى.

باش ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: 5-ئاينىڭ 22-كۈنى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق  قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ئېچىلدى. مەملىكەتلىك  خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3000غا  يېقىن ۋەكىلى خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، دۆلەت ئىشلىرىنى بىرلىكتە كېڭىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا جەم بولدى، ئۇلار ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش سىياسەتلىرىنى پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش ئۈچۈن كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ. يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز.

باش ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئۆتكەن بىر يىلدا ئېلىمىز تەرەققىياتتا كۆپلىگەن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا يولۇقتى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، پۈتۈن يىللىق ئاساسىي نىشان ۋەزىپىلەرنى تاماملاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئاساس سالدى. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى ئەڭ مۇھىم ئىش سۈپىتىدە چىڭ تۇتتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خەلق جېڭى، ئومۇمىي جەڭ ، تاقابىل تۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىشىغا رەھبەرلىك قىلدى. جاپالىق قالتىس تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، ۋۇخەننى قوغداش جېڭى، خۇبېينى قوغداش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە زور ئىستراتېگىيەلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد جەمئىيەتنى تەرەققىي  قىلدۇرۇش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق كۆڭۈل بۆلگەن ئىشلارغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتى، تاشقى ئالاقە، ئۆز قۇرۇلۇشى قاتارلىقلاردا يېڭى ئىلگىرىلەش ۋە يېڭى ئۈنۈمنى قولغا  كەلتۈردى، بولۇپمۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەزىپىسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، «قانۇنسىز ياۋايى ھايۋانلار سودىسىنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش، ياۋايى ھايۋانلار گۆشىنى قالايمىقان يېيىش يامان ئادىتىنى تۈگىتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ساغلاملىقى بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى قارار»نى ۋاقتىدا چىقىرىپ، ئاممىۋى سەھىيە قانۇنچىللىق كاپالىتى سىستېمىسىنى كۈچەيتىش قانۇنى چىقىرىش ۋە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە يولغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قانۇن جەھەتتىن قوللىدى؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرى ھەر قايسى سەپلەر  ۋە ھەر قايسى ئىش ئورۇنلىرىدا پائال تۆھپە  قوشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق خەلققە ۋەكىللىك قىلىش، خەلقنى كۆزلەش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت شەرەپلىك بۇرچىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

خەلق گېزىتىدە 5-ئاينىڭ 22-كۈنى تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەيلى-13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز ماۋزۇلۇق باش ماقالە ئېلان قىلىندى.