ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2020-يىلى دۇنيا دىققەت قىلىۋاتقان جۇڭگونىڭ «ئىككى يىغىنى»دىكى «ئاچقۇچلۇق سۆزلەر»

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-22 17:23

2020-يىللىق جۇڭگونىڭ «ئىككى يىغىن ۋاقتى» 5-ئاينىڭ 21-كۈنى رەسمىي باشلاندى. ئالاھىدە مەزگىلدە ئېچىلغان جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. خەلقئارا جەمئىيەت دىققەت قىلىۋاتقان «ئىككى يىغىن»دىكى «ئاچقۇچلۇق سۆزلەر» قايسىلار؟

بىرىنچى ئاچقۇچلۇق سۆز: ئىقتىسادىي ھەرىكەت

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دۇنيا ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بولدى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2020-يىلى دۇنيا ئىقتىسادى %3 ئازىيىپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى  ئىقتىساد چېكىنىشتىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى بولۇپ قالىدىكەن. خەلقئارا جەمئىيەت دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ  ئىقتىسادى گەۋدە  جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىن مەزگىلىدە قانداق ئىقتىسادىي سىياسەت سىگنالى قويۇپ بېرىدىغانلىقىغا يېقىندىن  دىققەت قىلماقتا.

روسىيە تاشقى ئىقتىساد بانكىسى تەكشۈرۈش ۋە باھالاش تەتقىقاتخانىسى «جۇڭگو-ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىياتى» تېما گۇرۇپپىسىنىڭ مۇدىرى سېرگېي چىپروف جۇڭگونىڭ ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قانداق ئىلگىرى سۈرگەنلىكىگە يېقىندىن دىققەت قىلدى، بۇ قانداق پۇل مۇئامىلە ۋە پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانى، بۇ يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىش كۆزلىمىسى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

فىرانسىيە پارىژ 8-داشۆسىنىڭ پروفېسسورى پىئېر پىكار مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئومۇميۈزلۈك تېزلىشىۋاتىدۇ، بۇ دۇنيا ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، دۇنيادىكى مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە ئىستېمالچىلارغا ئىشەنچ ئېلىپ كېلىدۇ.

ئىككىنچى ئاچقۇچلۇق سۆز: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش

بۇ يىل جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان يىل. خەلقئارا جەمئىيەت تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئاستىدا، جۇڭگونىڭ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قانداق كاپالەتلىك قىلدىغانلىقى، ئىنسانلارنىڭ   نامراتلىقنى   ئازايتىش   ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش تارىخىدا  قانداق يېڭى  سەھىپە   ئاچىدىغانلىقىغا ئومۇميۈزلۈك دىققەت قىلماقتا.

گېرمانىيە بېرلىن پرۇسسى جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى فوركېل چاپۇك مۇنداق دېدى: جۇڭگو يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى تىزگىنلەش جەھەتتە ناھايىتى ياخشى ئىنكاس قايتۇردى، ئىككى يىغىندا جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بىر مەزگىللىك سىياسىي، ئىقتىسادىي سىياسىتى تۈزىلىدۇ، جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانى يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىدى، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يۇقۇم جۇڭگونىڭ كۈچلۈك تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى بىر قىستۇرما كۈي خالاس.

مېكسىكا ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى سان خۇئاننا مارتىنېس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە نامراتلارنى ئازايتىش تەجرىبىلىرىنى مېكسىكا ئۆرنەك قىلسا بولىدۇ. شۇڭا، بۇ يىلقى «ئىككى يىغىن »دا، مېكسىكا ئاگېنتلىقى جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق تېمىلارغا ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ.

ئۈچىنچى ئاچقۇچلۇق سۆز : ئاممىۋى سەھىيە

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە تاسادىپىي ۋەقەسى. جۇڭگونىڭ قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرگەنلىكى، قانداق قىلىپ يەر شارىنىڭ ئاممىۋى سەھىيەنى ئىدارە قىلىش  ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلىقىمۇ خەلقئارا جەمئىيەت دىققەت قىلىۋاتقان ئىككى يىغىن قارالمىسى.

ياۋروپا تەتقىقات خەلقئارا مەركىزى ياۋروپا جۇڭگو تۈرىنىڭ مەسئۇلى، گرېتسىيە ئالىمى گېئورگې سوگوپلوس جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنىدىكى ئاممىۋى سەھىيە قارالمىلىرى ئۈستىدىكى مۇھاكىمىگە دىققەت قىلدى، بۇ كىرىزىستىن ئالدىن سىگنال بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، بىيو ۋە دورىگەرلىك تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش، يۇقۇمنىڭ قايتىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مىسىر-جۇڭگو سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى دىيا ھېلمى مۇنداق دېدى: «ئىككى يىغىن»دا «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئاستىدا ئىقتىساد-سودا ۋە ئاممىۋى سەھىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار قارالمىلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش جەھەتتە ئىنتايىن ئۆزگىچە تەجرىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسىدىكى سەھىيە، ساغلاملىق ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ مۇھىم.

تۆتىنچى ئاچقۇچلۇق سۆز: خەلقئارا ھەمكارلىق

يۇقۇمنىڭ زەربىسى ئاستىدە، يەرشارىلىشىشقا قارشى پىكىر ئېقىمى ۋە سودا قورۇقچىلىقى ئاز-تولا باش كۆتۈرۈپ قالدى. خەلقئارا ماكرو ئىگىلىك سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىم، راۋان بولۇشىنى قوغداش-دۇنيا ئىقتىسادىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن.

كورېيە دانكوك داشۆسى سىياسىي دىپلوماتىيە فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى كىم جىنخو مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى ئىككى يىغىندا جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىش، دۇنيا ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيا كەسىپ زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەنگلىيە دۇرھام داشۆسى جۇڭگو تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى گو جيې مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى يەر شارى كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىدى. كېيىنكى يۇقۇم دەۋرىدە، يەر شارىلىشىش يەنىلا كەلگۈسى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ ئاساسى. ئىككى يىغىندا قانداق ئالاقىدار سىياسەت تەدبىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

بەشىنچى ئاچقۇچلۇق سۆز : تاشقى مۇناسىۋەت

دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش بولىۋاتقان مەزگىلدىكى يۇقۇم  ئالدىدا، جۇڭگونىڭ تاشقى سىياسىتىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

«مېكسىكا گېزىتى»، «ئارگېنتىنا «بۇرغا گېزىتى» قاتارلىق لاتىن ئامېرىكىسى رايونىدىكى تاراتقۇ ئەبابلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەر، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى دۇنياغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئامېرىكىغا قوشنا لاتىن ئامېرىكىسى رايونلىرىغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق. ئۇلار ئىككى يىغىندا جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى تېمىغا ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

2020-يىلى دۇنيا دىققەت قىلىۋاتقان جۇڭگونىڭ «ئىككى يىغىنى»دىكى «ئاچقۇچلۇق سۆزلەر»

2020-يىللىق جۇڭگونىڭ «ئىككى يىغىن ۋاقتى» 5-ئاينىڭ 21-كۈنى رەسمىي باشلاندى. ئالاھىدە مەزگىلدە ئېچىلغان جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.