ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ «يېڭى دەم ئېلىش ۋاقتى»نى تەسىس قىلىش تەكلىپى بېرىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-23 08:57

 

نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ قىسمەن يەرلىك قانۇنلىرىدا يالغۇز پەرزەنتلەر كۈتۈنۈش دەم ئېلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، لېكىن دۆلەت قاتلىمىدا تېخى قانۇن چىقىرىلمىغاچقا، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش تەسىس قىلىنمىغان ئىدى. بۇنىڭغا قارىتا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى شۈ دايۇڭ دۆلەت قاتلىمىدا قانۇن چىقىرىپ، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئىجرا قىلىش تەكلىپىنى بەردى.

«يالغۇز پەرزەنتلەر بېقىش دەم ئېلىشى» دېگەن نېمە؟ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، «ئەگەر يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاغرىپ ياتاقتا يېتىپ قالسا، يالغۇز پەرزەنتلەر ئىدارە-ئورۇنلاردىن رۇخسەت سوراپ ئاتا-ئانىسىغا قارىسا، مائاشى ئوخشاشلا بېرىلىدۇ، پاراۋانلىق تەمىناتى ۋە ئىشقا تولۇق كەلگەنلىك باھالىشىغا تەسىر يەتمەيدۇ».

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، نۆۋەتتە فۇجيەن، گۇاڭشى، خۇبېي، خەينەن، خېيلۇڭجياڭ، چۇڭچىڭ، سىچۈەن، خېنەن، نىڭشيا، ئىچكى موڭغۇل، شەنشى قاتارلىق ئۆلكىلەر «يالغۇز پەرزەنتلەر دەم ئېلىشى»نىڭ كونكرېت بەلگىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھەر قايسى جايلارنىڭ بېقىش دەم ئېلىش ۋاقتى ئوخشىمايدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا، خۇبېي، خېيلۇڭجياڭ، سىچۈەن، نىڭشيا قاتارلىق جايلار يەنە يالغۇز پەرزەنت ئەمەسلەرمۇ بۇ تۈزۈمدىن بەھرىمەن  بولالايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن.

مەسىلەن، خېنەندە مۇنداق دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن: «يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانا شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ئالغان ياشانغانلارنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش مەزگىلىدە، پەرزەنتلەرنىڭ ئىش ئورنى ھەر يىلى 20 كۈندىن كەم بولمىغان بېقىش دەم ئېلىشى بېرىشى، بېقىش دەم ئېلىشى ۋاقتىنى ئىشقا تولۇق كەلگەن بويىچە ھېسابلىشى كېرەك.

نىڭشيادا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ياشانغانلار كېسەل سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا يېتىپ قالسا، پەرزەنتلەر مائاشلىق بېقىش دەم ئېلىشىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ، بۇنىڭدا يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ ھەر يىللىق دەم ئېلىش ۋاقتى 15 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، يالغۇز پەرزەنت ئەمەسلەرنىڭ ھەر يىللىق دەم ئېلىش ۋاقتى يەتتە كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىر قىسىم يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى گەرچە بېقىش دەم ئېلىش كۈن سانىنى ئېنىق بېكىتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ پەرزەنتلەرنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىنى قوللىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، 3-سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ليەنيۈنگاڭ شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى شۈ دايۇڭ، ھازىرقى زامان تېز خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ھەر قايسى جايلار سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا، يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ دەم ئېلىشى بولسىمۇ دەم ئالالمايۋاتقانلىقىدەك ئامالسىز ئەھۋالنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

شۈ دايۇڭ دەم ئېلىش تەس بولۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى يەرلىك سىياسەتنىڭ ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە ئەمەسلىكىدە دەپ قارىدى.  جايلار چىقارغان سىياسەت، بەلگىلىمىلەر بىردەك ئەمەس،  يەرلىك نىزام چىقىرىش ئۈنۈمى كۈچلۈك ئەمەس، باشقا جايدا دەم ئېلىش قىيىن؛ پەرۋىش دەم ئېلىش ۋاقتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بىردەك ئەمەس، قىسمەن جايلار ھەتتا پەرۋىش دەم ئېلىش كۈن سانىنى ئېنىق بېكىتمىگەن؛ سىياسەت مەزمۇنىنىڭ دائىرىسىمۇ بىردەك ئەمەس، بەزى جايلار يالغۇز پەرزەنت ئەمەسلەرنى «كۈتۈنۈش دەم ئېلىشى»دىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك، دەپ بەلگىلىگەن، يەنە بەزى جايلارنىڭ سىياسەتلىرىدە پەقەت ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار پەرزەنتلىرىنىڭ دوختۇرخانىدا ياتقان ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىنى قوللاش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇنىڭغا قارىتا، ئۇ مۇنداق تەكلىپ بەردى:

بىرىنچىدىن، دۆلەت قاتلىمىدىن قانۇن تۇرغۇزۇش. دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك كومىتېتلىرى يەرلىك تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەش ئاساسىدا، يالغۇز پەرزەنتلەر بېقىش دەم ئېلىشىنى قانۇن چىقىرىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش  «يالغۇز پەرزەنتلەر بېقىش دەم ئېلىشى تۈزۈمى»نى تۈزۈپ، بېقىش دەم ئېلىشىنى قانۇننىڭ چەكلەش كۈچى ۋە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىشقا ئىگە قىلىشى كېرەك.

ئىككىنچىدىن، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسەتنى ئىنچىكلەشتۈرۈش. دەم ئېلىش ۋاقتى، يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ سالاھىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئاتا-ئانىلارنىڭ يېشىغا بولغان تەلەپ ۋە دوختۇرخانىدا يېتىش ئەھۋالى، باشقا شەھەرلەردىكى يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ رۇخسەت سوراش ۋاقتىنى ھېسابلاش قاتارلىق كونكرېت مەشغۇلات مەسىلىلىرىگە قارىتا بىر تۇتاش بېكىتىش، سىياسەت، قانۇن-تۈزۈملەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، يۈرۈشلۈك سىستېما تۇرغۇزۇش. يۈرۈشلۈك سىستېما تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇناسىپ قانۇنىي مەسئۇلىيەت تەسىس قىلىپ، كارخانىلارغا مۇۋاپىق باج تولۇقلىمىسى ۋە مۇكاپات بېرىش، فوند تەسىس قىلىش ياكى سۇغۇرتا بىلەن كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى چېچىۋېتىش ئارقىلىق قەدەممۇ قەدەم تەننەرخنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، خەلق ئىشلىرى قاتارلىق ھۆكۈمەت كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېتەكلەش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ «يېڭى دەم ئېلىش ۋاقتى»نى تەسىس قىلىش تەكلىپى بېرىلدى

نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ قىسمەن يەرلىك قانۇنلىرىدا يالغۇز پەرزەنتلەر كۈتۈنۈش دەم ئېلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، لېكىن دۆلەت قاتلىمىدا تېخى قانۇن چىقىرىلمىغاچقا، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش تەسىس قىلىنمىغان ئىدى.