ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇنى كۆرسىڭىز ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىنى چۈشىنىسىز

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-12 16:13

 

3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىندا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

 

 

2018-يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر

 

* ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %6.6 ئاشتى، ئومۇمىي مىقدارى 90 تىرىليون يۈەندىن بۆسۈپ ئۆتتى.

* ئاھالە ئىستېمالىنىڭ باھاسى %2.1 ئۆرلىدى، ئاھالىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى %6.5 نەق ئاشتى.

* شەھەر-بازارلاردا 13 مىليون 610 مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى %5 ئەتراپىدىكى بىرقەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە مۇقىم تۇردى.

 

* مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى تۆھپە نىسبىتى %60كە يېقىنلاشتى، بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنىرگىيە سەرپىياتى %3.1 تۆۋەنلىدى.

* ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانا 18 مىڭدىن، بازار سۇبيېكتىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 100 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى.

* مال ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 30 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى، ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغ 138 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىچىدە مۇقىم ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.

 

* يېزىلاردا 13 مىليون 860 مىڭ نامرات ئاھالە ئازايتىلدى، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە 2 مىليون 800 مىڭ نامرات ئاھالە يۆتكەپ كۆچۈرۈلدى.

* كەپە ئۆي رايونىدا 6 مىليون 200 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق تۇرالغۇ ئۆي ئۆزگەرتىپ سېلىندى، يېزىلاردا 1 مىليون 900 مىڭ ئائىلىنىڭ خەتەرلىك ئۆيى ئۆزگەرتىلدى.

* پۈتۈن بىر يىلدا كارخانا ۋە شەخسلەردىن ئېلىنىدىغان باج ۋە ھەقنى تەخمىنەن 1 تىرىليون 300 مىليارد يۈەن ئازايتتۇق. تاشقى پېرېۋوت زاپىسى 3 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلاپ قېلىندى.

* تاموژنا بېجى ئومۇمىي سەۋىيەسىنى %9.8تىن %7.5كە چۈشۈردۇق، يېڭىدىن قۇرۇلغان تاشقى مەبلەغ كارخانىلرىنى ئاز كەم %70 كۆپەيتتۇق.

* ئاشلىقنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلاتىنى 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى بولغان سەۋىيەدە ساقلىدۇق، 14 مىليونغا يېقىن يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنى شەھەر نوپۇسىغا ئالدۇق.

 

 

* يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول قاتناش مۇساپىسى 4100 كىلومېتىرغا، يېڭىدىن ياسالغان ۋە ئۆزگەرتىپ ياسالغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول 6000 نەچچە يۈز كىلومېتىرغا، يېزا تاشيولى 300 نەچچە مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى.

* شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىنى ھەر ئايدىكى 70 يۈەندىن 88 يۈەنگە كۆپەيتتۇق.

 

2019-يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۆنىلىشى

 

بۇ يىل دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ مۇرەككەپ، تېخىمۇ كەسكىن مۇھىتقا دۇچ كېلىدۇ، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلار تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، تېخىمۇ زورىيىدۇ، شۇڭا مۈشكۈل جەڭگە تولۇق تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشىمىز كېرەك.

 

قىيىنچىلىققا سەل قارىماسلىقىمىز، ئىشەنچىمىزدىن تەۋرەنمەسلىكىمىز، غەيرىتىمىزنى بوشاشتۇرماسلىقىمىز لازىم.

 

كۆزلىمە نىشان:

 

* ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %6تىن %6.5كىچە ئاشۇرۇش.

* شەھەر-بازارلاردا 11 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر-بازارلاردىكى تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %5.5 ئەتراپىدا، شەھەر-بازارلاردا تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %4.5 ئىچىدە تىزگىنلەش.

* ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى %3 ئۆپچۆرىسىدە بولۇش.

 

 

يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى 10 مىليوندىن كۆپرەك ئازايتىش.

* بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %3 ئەتراپىدا تۆۋەنلىتىش، ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش مىقدارىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىش. بۇ يىل گۈڭگۈرت Ⅳ ئوكسىد، ئازوت ئوكسىد چىقىرىش مىقدارىنى %3 ئازايتىمىز.

 

قوللىنىلغان تەدبىرلەر

 

* بۇ يىللىق قىزىل رەقەم نىسبىتى %2.8 بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بۇلتۇرقى خامچوتتىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئىنت يۇقىرى بولدى.

* مالىيە قىزىل رەقىمى 2 تىرىليون 760 مىليارد يۈەن قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز مالىيەسىنىڭ قىزىل رەقىمى 1 تىرىليون 830 مىليارد يۈەن، يەرلىك مالىيەنىڭ قىزىل رەقىمى 930 مىليارد يۈەن بولدى.

* ياسىمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەردە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان باج نىسبىتىنى %16تىن %13كە، قاتناش-تىرانسىپورت، بىناكارلىق كەسپى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان باج نىسبىتىنى %10تىن %9كە چۈشۈرۈپ، ئاساسلىق ساھەلەرنىڭ باج يۈكىنى كۆرۈنەرلىك يېنىكلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.

 

* شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن ئىدارىلەر تاپشۇرىدىغان ھەق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىمىز، بۇنى جايلار %16كە چۈشۈرسە بولىدۇ.

* پۈتۈن بىر يىلدا كارخانىلارنىڭ ئازايتىلىدىغان بېجى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى يۈكى ئىككى تىرىليون يۈەنگە يېقىنلىشىدۇ.

* مەركەز مالىيەسى كىرىمنى ئاشۇرۇپ-چىقىمنى تېجەپ، ئالاھىدە بېكىتىلگەن دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرىغا تاپشۇرىدىغان پايدىسىنى ئاشۇرۇشى، ئادەتتىكى چىقىمنى %5 تىن كۆپرەك قىسقارتىشى، «ھۆكۈمەت 3 خىل خىراجىتى»نى يەنە %3 ئەتراپىدا ئازايتىشى كېرەك.

* بۇ يىل دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ سودا بانكىلىرىنىڭ كىچىك-مىكرو كارخانىلارغا بېرىدىغان قەرزى %30تىن كۆپرەك ئاشۇرۇلىدۇ.

 

* بۇ يىل 2 تىرىليون 150 مىليارد يۈەن يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس زايومى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇلتۇرقىدىن 800 مىليارد يۈەن ئاشۇردۇق.

* تۆمۈريولغا 800 مىليارد يۈەن، تاشيول ۋە سۇ تىرانسىپورتىغا 1 تىرىليون 800 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالىمىز، بۇ يىل مەركەز خامچوتىدىن 577 مىليارد 600 مىليون يۈەن سېلىنما ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بۇلتۇرقىدىن 40 مىليارد يۈەن كۆپەيتىلىدۇ.

* ئىشسىزلىق سۇغۇرتا فوندى ئېشىنچىسىدىن 100 مىليارد يۈەن ئاجرىتىپ، ئۇنى 15 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچىنى كەسپىي ماھارىتىنى ئاشۇرۇش؛ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىقلارنى ئىمتىھانغا تېخىمۇ كۆپلەپ قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، بۇ يىل كەسپىي ئالىي مەكتەپلەرگە 1 مىليون ئوقۇغۇچىنى ئارتۇق قوبۇل قىلىمىز.

* ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ بويىچە دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلىمىز.

 

* ئادەتتىكى سودا-سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان توكنىڭ باھاسىنى يەنە %10 چۈشۈرىمىز.

* مەملىكەت بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا ئۆلكە چېگراسىدىكى ھەق ئېلىش پونكىتلىرىنى ئىككى يىل ئىچىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بىر تۈركۈم تۆمۈريول، پورتلاردا ھەق ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرىمىز ياكى ئازايتىمىز، ھەق ئېلىش تىزىملىكى بويىچە «بىر تور» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتمىز، ھۆكۈمەت باشلامچىلىق بىلەن سەمىمىيلىككە ئەھمىيەت بېرىپ لەۋزىدە تۇرۇشى، «يېڭى ئەمەلدار كونا ھېسابقا ئىگە بولمايدىغان» ئىشنى ھەرگىز قىلماسلىقى، كارخانىلارنىڭ نېسى قالدۇرۇلغان پۇلىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن قايتۇرۇشى كېرەك، نېسى قالدۇرۇلىدىغان پۇلنى يېڭىباشتىن كۆپەيتىۋېتىشكە ھەرگىز يول قويمايمىز.

* بۇ يىل ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كەڭ بەلباغلىق تور ھەققىنى يەنە %15، كۆچمە تور ئېقىم مىقدارى ئوتتۇرىچە ھەققىنى يەنە %20تىن كۆپرەك تۆۋەنلىتىمىز، پۈتۈن مەملىكەتتە «نومۇر ئۆزگەرتمەي تور ئالماشتۇرۇش»نى يولغا قويۇپ، يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت تەسىس قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇمىز.

* كىچىك كۆلەملىك باج تاپشۇرغۇچىلاردىن تاپاۋەت بېجى ئېلىش چېكىنى ئايلىق سېتىش سوممىسى 30 مىڭ يۈەن بولۇشتىن 100 مىڭ يۈەن بولۇشقا ئۆستۈرۈش قاتارلىق باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

 

* 80 مىليون مودىن ئارتۇق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزنى يېڭىدىن كۆپەيتىش لازىم.

* 60 مىليون يېزا ئاھالىسىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز.

* ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، نېفىت-گاز، تۆمۈريول ساھەلىرىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، تەبىئىي مونوپول ساھەلەردە ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىككە قاراپ تور بىلەن تىجارەتنى ئايرىۋېتىپ، رىقابەتلىك كەسىپلەرنى ئومۇميۈزلۈك بازارغا يۈزلەندۈرۈش كېرەك.

* دۆلەتنىڭ مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلەيدىغان نىسبىتى يەنىلا %4تىن يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلىنىدۇ، مەركەز مالىيەسىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مائارىپ چىقىمى 1 تىرىليون يۈەندىن ئاشىدۇ.

* شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنىڭ كاپالەت سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرىمىز، ئاھالىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن كىشى بېشىغا بېرىلىدىغان مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى 30 يۈەن كۆپەيتىمىز، ئاتچوت قىلىش نىسبىتىنى %50تىن %60كە ئۆستۈرۈپ، ئېغىر كېسەل بىمارلىرى، قىيىنچىلىقتا قالغان ئاممىنىڭ داۋالىنىش سېلىقىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىمىز.

 

* «ئىسپاتنى ئازايتىپ خەلققە قولايلىق يارىتىش» ئىسلاھاتى ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇش، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە «ياخشى-ناچارلىرىنى باھالاش» تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇلازىمەت ئۈنۈمىگە كارخانىلار ۋە ئامما باھا بېرىشى كېرەك.

* مۇھىت ئاسراش، ئوت مۇداپىئەسى، باج، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قانۇن ئىجرا قىلىش ئۇسۇللىرىنى ياخشىلاپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، قانۇنغا رىئايە قىلغانلارغا كاشىلا قىلمايمىز.

* نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچىلارنىمۇ كۈچلۈك نازاەت قىلىش-باشقۇرۇش، قائىدە بېكىتىش، قانۇننى تاللاپ ئىجرا قىلىدىغان، خالىغانچە ئىجرا قىلىدىغان ئەھۋاللارغا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك، كارخانىلار ۋە ئاممىغا قەستەن قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ.

* يىغىن ئېچىش ۋە ھۆججەت تارقىتىشنى ئازايتىش كېرەك، بۇ يىل گوۋۇيۈەن ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى باشلامچىلىق بىلەن يىغىنلارنى زور ھەجىمدە ئىخچاملىشى، قەتئىي تۈردە ھۆججەتنى ئۈچتىن بىر قىسىمدىن كۆپرەك ئازايتىشى لازىم.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇنى كۆرسىڭىز ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىنى چۈشىنىسىز

3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىندا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.