ئۇزۇن سەپەر غەلىبە قىلىپ ئۇچراشقان جايغا نەزەر
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2016-07-01 16:23

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۈچ چوڭ ئاساسلىق كۈچى 80 يىل بۇرۇن خۇينىڭدا غەلىبىلىك ئۇچراشقان ئىدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىنىڭ بېشىدا، گومىنداڭ ئىنقىلابىي تايانچ بازىلىرىغا ئارقا-ئارقىدىن كەڭ كۆلەملىك قورشاپ يوقىتىش ھۇجۇمى قوزغىغان، مەركىزىي ئىنقىلابىي تايانچ بازىسى 5-قېتىملىق قورشاپ يوقىتىشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، پارتىيە ۋە قىزىل ئارمىيە ھايات-ماماتلىق سىنىقىغا دۇچ كەلگەن. مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە، پارتىيە قىزىل ئارمىيەگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك يۆتكەلگەن. 1934-يىلى 10-ئايدىن 1936-يىلى 10-ئايغىچە، قىزىل ئارمىيەنىڭ 1-، 2-، 4-يۆنىلىش ئارمىيەلىرى ۋە 25-ئارمىيەسى ئىلگىرى-كېيىن ئۇزۇن سەپەر قىلغان.

قىزىل ئارمىيە قاتمۇ-قات قامالنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، مىليوندىن ئارتۇق دۈشمەن ئارمىيەسىنىڭ قوغلاپ يوقىتىش سۇيىقەستىنى بىتچىت قىلىپ، ئوندىن ئارتۇق ئۆلكىدىن ئۆتۈپ، 25 مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈپ، ئاخىرىدا شەنشى-گەنسۇ-نىڭشيا چېگرا رايونىغا غەلىبىلىك يېتىپ بېرىپ، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئاساسلىق قىسمى بىلەن ئۇچراشقان.

خۇينىڭ رايونىدا، قىزىل ئارمىيە بىلەن گومىنداڭ ئارمىيەسى جەمئىي ئالتە قېتىم چوڭ ئۇرۇش قىلغان، ئەڭ دەھشەتلىك بولغان بىر قېتىملىق قانلىق ئۇرۇش توپتوغرا ئىككى كۈن داۋاملاشقان، قىزىل ئارمىيەدىن 887 ئادەم قۇربان بولۇپ ۋە يارىلىنىپ، ئاساسلىق قىسىمنىڭ بىخەتەر يۆتكىلىشىنى قوغداپ، قىزىل ئارمىيەنىڭ شىمالىي شەنشىگە بېرىشىغا ۋاقىت يارىتىپ بەرگەن.

خۇينىڭ ناھىيەسىدىكى يەسلى، باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان ساۋاقداشلار تۇنجى سائەتلىك دەرستە، قىزىل ئارمىيە خۇينىڭدا ئۇچراشقان جايغا بېرىپ، ئۇزۇن سەپەر ھېكايىلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئۆگىنىدۇ. «جاپالىقمۇ-ئەمەسمۇ، قىزىل ئارمىيەنىڭ 25 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرىنى ئويلاپ بېقىڭچۇ» دېگەن سۆزلەر ھازىرغىچە خۇينىڭدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئىلھام بېرىپ كەلمەكتە. گەرچە خۇينىڭ ناھىيەسى دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە بولسىمۇ، لېكىن غەربىي شىمالدىكى مائارىپ چوڭ ناھىيەسى ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئەلىيۇلئەلالار كۆپ چىقىدىغان ناھىيە.

ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا، قىزىل ئارمىيە خۇينىڭدا ئۇچراشقان جاي ھەر يىلى مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئېكسكۇرسىيەچى كۈتۈۋالدى. بۇ يىل دەل پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقى ۋە قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىغا توغرا كەلگەچكە، ئېكسكۇرسىيەچىلەر ئالاھىدە كۆپ بولدى، ھەر كۈنى ئون مىڭدىن ئاشتى. بىر كارخانا باشقۇرغۇچى «ئۇزۇن سەپەر روھى» ناملىق لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تەسىرلەنگەن ھالدا، ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇش، جاپالىق كۈرەش قىلىش، بىردەك ئىتتىپاقلىشىش، غەلىبىنى دادىل قولغا كەلتۈرۈش-كارخانىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئېھتىياجلىق بولغان ھېكمەت ئەمەسمۇ دېدى.