باش خەۋەر
بەش يىلدىن بۇيان، شى جىنپىڭ زىيارەت مۇساپىسى تۈمەن چاقىرىمدىن ئېشىپ، يەرشارىنى قاپلىدى. دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنىڭ سېھرى كۈچى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ ئۇسلۇبى ۋە جاسارىتىنى نامايەن قىلدى. دىپلوماتىيە خەلقنىڭ باردى-كەلدىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. شى جىنپىڭ چەتئەللىك ئاددى پۇقرالار بىلەن ئالاقە قىلىش جەريانىدا ئادەمگەرچىلىكىنى نامايەن قىلىپ، دۇنياغا جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ پوزىتسىيەسىنى ھىس قىلدۇرۇپلا قالماستىن، يەنە چەتئەل پۇقرالىرىنى جۇڭگونى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈش تۇيغۇسىغا كەلتۈردى.
تارىخقا قارايدىغان بولساق، قەدىمىي يىپەك يولىدىن ساناقسىز قىممەتلىك مىراسلار قېلىپ، كېيىنكىلەرگە چوڭقۇر ئىلھام بولغان. 2013-يىلى ئالتۇن كۈزدە، شى جىنپىڭ قەدىمىي يىپەك يولى ئۆتىدىغان جاي قازاقىستاندا ئۆتكەن ئىشلارغا قاراپ كەلگۈسىنى پەملەپ، دۇنياغا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى بىرلىكتە قۇرۇش سەمىمىي تەكلىپىنى بەردى.
پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دېڭىز ئوكياندا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر سېپىگە قاراپ تاشلىغان يېڭى قەدىمى، جۇڭگو غەربنىڭ كېڭەيمىچىلىك كونا يولىدا ماڭمايدۇ، ئەمما يولسىز تەلەپلەرگە سەۋرى قىلىپمۇ تۇرمايدۇ.
2017-8-31
2017-8-30
2017-8-29