بۈيۈك سەپەر
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-29 17:45

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئومۇمىيلىقنى، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دىپلوماتىيە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتە يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە يېڭى سەھىپە ئاچتى. جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيە، يېڭى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، يېڭى نەتىجىلەرنى ئومۇميۈزلۈك نامايەن قىلىش ئۈچۈن، بۈگۈندىن باشلاپ ھەركۈنى «دۇنياغا نەزەر» پىروگراممىمىزدا «چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى» ماۋزۇلۇق ئالتە قىسىملىق سىياسىي ئوبزورنى ئاڭلىتىمىز، بۈگۈن «بۈيۈك سەپەر» ماۋزۇلۇق بىرىنچى قىسمىنى ئاڭلىتىمىز.

مۇنداق بىر كۈن تارىخ سەھىپىسىدىن مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ: 2012-يىلى 15-نويابىر، شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلاندى، پارتىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپى تۇنجى قېتىم بارلىققا كەلدى. جۇڭگو دۇنيانىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ تارتتى. بۈيۈك تەرەققىيات، بۈيۈك ئىسلاھات، بۈيۈك تەڭشىلىش دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان، بىر مىليارد 300 مىليون نوپۇسقا ئىگە دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان جۇڭگو مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىغا كىرىپ، دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، كەلگۈسىنى يارىتىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى، ئەمما ئۇنىڭ تەرەققىياتى نۇرغۇن خىرىسلارغا دۇچ كېلىپ، تېخىمۇ تىنچ، مۇقىم خەلقئارا مۇھىتقا موھتاج بولدى. جۇڭگو قانداق تاللايدۇ، قانداق تۆھپە قوشىدۇ؟ جۇڭگو باشقا دۆلەتلەر بىلەن قانداق ئۆتىدۇ؟ قانداق دۇنيا بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ؟

2013-يىلى 31-دېكابىر رەئىس شى جىنپىڭ 2014-يىلى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى سۆزلىگەندە مۇنداق دېدى: ئالەمنىڭ پايانى يوق. يەرشارىدا يەتتە مىلياردتىن ئارتۇق كىشى بىرلىكتە ياشايدۇ، بىر-بىرىگە ھەمدەم بولۇپ، جاپانىمۇ، ھالاۋەتنىمۇ تەڭ كۆرۈپ، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشى كېرەك. جۇڭگو خەلقى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭمۇ ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تىلەكداشمىز.

جۇڭگو ئارزۇسى بىر ئاچقۇچقا ئوخشاش دۇنيانىڭ ھازىرقى جۇڭگونى بىلىشىگە چوڭ يول ئېچىپ بەردى. شى جىنپىڭ جۇڭگو ئارزۇسى بىلەن دۇنيا ئارزۇسىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدىنىش بىلەن بىرگە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە قىلدى.

جۇڭگو دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە مىسلىسىز يېقىنلاشتى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىمۇ مىسلىسىز يېقىنلاشتى، بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئىشەنچىسىگىمۇ مىسلىسىز ئىگە بولدى. بۇ شى جىنپىڭ ھازىرقى زامان جۇڭگو ئۈچۈن كۆرسىتىپ بەرگەن تارىخىي يېڭى يۆنىلىش، شۇنداقلا يېڭى مەزگىلدىكى جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ ئۆلچەملىك ئورنى. دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى مۇنداق دەيدۇ: جۇڭگو نەچچە ئون يىللىق تېز تەرەققىيات ئارقىلىق خېلىلا زور تەسىرگە ئىگە دۇنياۋى چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى، ئەمما بىز يەنىلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت. ئەڭ مۇھىمى، بىز كومپارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىدىغان سوتسىيالىستىك چوڭ دۆلەت. باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگودا ئۆزگىچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى بولۇشى، روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك، جۇڭگوچە ئۇسلۇب ۋە جۇڭگوچە سالاپەت بولۇشى كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن.

دۇنيادا بۇنچە ئالدىراش دۆلەت باشلىقى مەخسۇس ئايروپىلانى ئاز ئۇچرايدۇ. بەش يىلدىن بۇيان، شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ 28 قېتىم زىيارەتكە باردى، ئۇچۇش مۇساپىسى تەخمىنەن 570 مىڭ كىلومېتىرغا، ئومۇمىي ئۇچۇش ۋاقتى 193 كۈنگە يەتتى. ئاياق ئىزى بەش قىتئە، 56 دۆلەت ۋە ئاساسلىق خەلقئارا، رايون تەشكىلاتلىرىغا يەتتى. قەتئىي، يېقىشلىق، پاراسەتلىك بۇ جۇڭگو رەھبىرى دۇنيانى جۇڭگوغا يېقىنلىشىش، جۇڭگونى چۈشىنىش، بىر چوڭ دۆلەتنىڭ گۈللىنىشكە قاراپ يۈزلىنىش ئارزۇسى ۋە تىرىشچانلىقى، ئالەمگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەقىل-پاراسىتى ۋە جاسارىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

شى جىنپىڭنىڭ دۇنيانى قاپلىغان دىپلوماتىيە يولى دۇنيادىكى بوران-چاپقۇنلارنى كېسىپ ئۆتۈپ، دۇنياۋى دوستلۇق چەمبىرىكى ھاسىل قىلىپ، چوڭ دۆلەتلەر، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

2016-يىلى 1-ئىيۇل، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا: جۇڭگو يەرشارىنى ئوڭشاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىدۇ، دەپ تەكىتلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يەرشارىنى ئوڭشاشنى تىرىشىپ مۇككەمللەشتۈرۈشكە جۇڭگو ئەقىل پاراسەت كۆرسىتىش بىلەن بىرگە دۇنيا خەلقى بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا تەرتىپ ۋە يەرشارىنى ئوڭشاش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئالدىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

ئىدىيە يۆنىلىشنى، تەپەككۇر ھەرىكەتنى بەلگىلەيدۇ. بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگو يەرشارىنى ئوڭشاشقا پائال قاتنىشىپ، نۇرغۇن ئېسىل ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى.

ئۇنتۇلغۇسىز ئاسىيا تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بېيجىڭدىكى يىغىنى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىغا كەڭ بوشلۇق ھازىرلاپ بەردى. ئۇنتۇلغۇسىز 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ خاڭجۇدىكى يىغىنى 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرتىپكە سېلىش مېخانىزمىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، بىر يۈرۈش يېڭىلىق يارىتىشچان، باشلامچى، مېخانىزملىق نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئۇنتۇلغۇسىز «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق يۇقىرى قاتلام مۇنبىرى، يەرشارىدىكى نۇرغۇن كاتتىلارنى جەلپ قىلدى. ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو تەرەققىيات، ئۇيۇشۇش بىرىكمە كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يەرشارىنى ئوڭشاشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت كۆرسەتتى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە يەنە جۇڭگو خەلقى بىدئەتكە ئىشەنمەيدۇ، بىدئەدتىن قورقمايدۇ، ئىش تېرىمايدۇ ئىشتىنمۇ قورقمايدۇ دەپ تەكىتلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ھەر قانداق دۆلەت بىزدىن ئۆزىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىمىزنى دوغا تىكىشنى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتى بەدىلىگە كەلگەن ئەمگەك مېۋىمىزگە زىيان يەتكۈزۈشىمىزنى كۈتمىسۇن.

بۇ ھەققانىي، كەسكىن، جۇڭگو ساداسى، نۇرغۇن كىشىلەرنى ھاياجانغا سالىدۇ. دۆلەت مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش- دۇنيادىكى بىر چوڭ دۆلەتنىڭ ئۇيۇل تاشتەك ئىرادىسى شۇنداقلا جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىزچىل بۇرچى ۋە ئازرۇسى.

چوڭ ئىش، قىيىن ئىشلار قىلىشىمىزغا باغلىق، ئوڭۇشسىز، ئوڭۇشلۇق ئىشلار كۆكسى-قارنىمىزغا باغلىق. دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدىدۇق؛ ئاتالمىش جەنۇبىي دېڭىز كېسىمى دېلوسىدا قەتئىي قايتۇرما زەربە بېرىپ، جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىي مۇقىملىقىنى قوغدىدۇق؛ «دىپلوماتىيە خەلق ئۈچۈن» باش مەقسىتىگە ئەمەل قىلىپ، يەمەن، نېپال، جەنۇبىي سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەردە قىيىن ئەھۋالدا قالغان قېرىنداشلىرىمىزنى غەلىبىلىك قايتۇرۇپ كەلدۇق، يادرولۇق مەنپەئەتىمىزگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە پوزىتسىيەنى ئېنىق بىلدۈرۈش، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىش -پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى.

خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلىرىدە ئىختىلاپلارنى تۈگىتىش، ياراشتۇرۇش، سۆزلىشىشتەك ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇردۇق. جۇڭگو ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق باشتىن-ئاخىر دۇنيانىڭ تىنچلىق قۇرغۇچىسى، يەرشارى تەرەققىياتىنىڭ تۆھپە قوشقۇچىسى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچى بولۇپ كەلدى. ھەمكارلىشىپ ئورتاق يېڭىش، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشتەك جۇڭگو ئىدىيەسى يەرشارى مىقياسىدا بارغانسېرى قارشى ئېلىنىپ، بارغانسېرى كۈچلۈك ئۇيۇشۇش كۈچىنى شەكىللەندۈردى.

2017-يىلى 18-يانۋار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى باش ئورگىنىدا «ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە كېڭىشىش، بىرلىكتە بەرپا قىلىش» يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا رەئىس شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى خەلقئارا جەمئىيەتتىن كەلگەن، جۇڭگومۇ يەرشارى تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشماقتا. جۇڭگو ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈپ ئورتاق يېڭىشتەك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە داۋاملىق ئەمەل قىلىپ، ئۆزىنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن تەڭ بەھرىلىنىدۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدىن تەك پايدىلىنىشىنى قارشى ئالىدۇ.

ئاسىيادىن ياۋروپاغىچە، ئافرىقىدىن ئوكيانىيە، ئامېرىكا قىتئەسىگىچە جۇڭگو رەھبەرلىرى مەيلى قەيەرگىلا بارمىسۇن «جۇڭگو ياسىمچىلىقى»نى دۇنيا بىلەن باغلاشقا پائال تۈرتكە بولدى.

يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسىنى 30 پىرسەنت ئەتراپىدا ساقلاپ كەلدى، جۇڭگو دۇنياغا نەپ يەتكۈزدى، چەتئەلگە سالغان مەبلىغى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، ئىستېمال بازىرى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقتا كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى.

كەلگۈسى بەش يىلدا جۇڭگو يەنە سەككىز تىرىللىيون ئامېرىكا دوللىرى تاۋار ئىمپورت قىلىدۇ، 600 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ چەتئەلگە سالىدىغان ئومۇمىي مەبلىغى 750 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، چېگرىدىن چىقىپ ساياھەت قىلغۇچىلار 700 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىدۇ. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تەرەققىي قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىدۇ.

يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا جۇڭگونىڭ مىللەت گۈللىنىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ غايىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىسى، ئىقتىدارى بار، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە گۈللەنگەن گۈزەل كەلگۈسىنى بەرپا قىلىش ئىرادىسى، ئىقتىدارى بار.