ئوپچا يۈرگەن يىراققا ئۇزار
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-30 13:51

2013-يىلى 14-مارت، شى جىنپىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. يېڭى مەزگىلدە جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك؟ جۇڭگو مۇرەككەپ ئۆزگىرىشچان خەلقئارا، ئەتراپ ۋەزىيىتىدە ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ؟ تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى قانداق قوغدايدۇ ۋە ئۇزارتىدۇ؟

2013-يىلى 3-ئايدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىققاندا تۇنجى بېكەتكە رۇسىيەنى تاللىدى. شى جىنپىڭ زىيارەت مەزگىلىدە ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش يادرو قىلىنغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىدىيەسىنى ئىجادچانلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگونىڭ رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

2014-يىلى 2-ئاينىڭ باشلىرىدا، شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن رۇسىيەگە بېرىپ سوچى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ: قوشناڭ توي قىلسا ناغرا چال، دېگەن گەپ بار، دېدى.

شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى «تەنتەربىيە دىپلوماتىيەسى»دىن پايدىلىنىپ، بىر مۇھىم خىزمەتنى باشلىدى، يەنى پۇتىنغا «بىر بەلۋاغ بىر يول» تەشەببۇسىنى تونۇشتۇردى.

2015-يىلى 5-ئايدا، شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم تەكلىپكە بىنائەن رۇسىيەگە بېرىپ، رۇسىيەنىڭ ۋەتەن ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە رۇسىيەدە زىيارەتتە بولدى. بۇ مەزگىلدە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغى قۇرۇلۇشى ۋە ئاسىيا-ياۋروپا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى قۇرۇلۇشىنى ئۇلاشتۇرۇش ھەمكارلىقى توغرىسىدىكى بىرلەشمە بايانات»نى ئىمزالىدى، «بىر بەلۋاغ بىر يول» تەشەببۇسى ئاسىيا-ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدا ئېرىشكەن بىر مۇھىم ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى.

بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ھەرخىل سورۇنلاردا 20 نەچچە قېتىم كۆرۈشتى، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك، قارشىلاشماسلىق، 3-تەرەپكە قاراتماسلىقنى پىرىنسىپ قىلغان جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى.

2016-يىلى 11-ئايدا، تىرامپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىقىغا سايلاندى. شۇ چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مۇرەككەپ، چىگىش جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە يېڭى مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى پەيدا قىلدى، دەپ قارىدى. خەلقئارا جەمئىيەت يېڭى مەزگىلدىكى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشىنى پەرەز قىلىۋاتقاندا، شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكىغا بېرىپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن كۆرۈشۈشنى قارار قىلدى.

2017-يىلى 6-، 7-ئاپرېل دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان «شى جىنپىڭ-تىرامپ كۆرۈشۈشى» ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىنىڭ مارئالاگو قورۇقىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئىككى كۈندە تىرامپ پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى دېگۈدەك ھەرىكەتكە كەلتۈردى، تىرامپ نەۋرىسىگىچە ئۈچ ئەۋلات شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەننى كۈتىۋالدى.

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى پارتكومىنىڭ شۇجىسى جاڭ ياسۈي مۇنداق دەيدۇ: رەئىس شى جىنپىڭ: ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا كۈرمىڭ باھانىسى بار، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى بۇزۇشقا بىرمۇ باھانىسى يوق، دېگەن. بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش ئەمەلىيەتتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ستراتېگىيەلىك سۆزلىشىشى بولۇپ، ستراتېگىيەلىك ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ستراتېگىيەلىك باشلامچىلىق رولىنى ئوينىدى.

مارئالاگو قورۇقىدىكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن، تىرامپ نۇرغۇن سورۇنلاردا شى جىنپىڭغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈردى، كۆرۈشۈش نەتىجىسىدىن ناھايىتى رازى بولدى.

گۈللىنىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر بىلەن ھازىرقى چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بۇ دەل غەرب رېئالىزم نەزەرىيەچىلىرى ئېيتقان ئاتالمىش «تيۇسىدىدېس قىلتىقى». 2015-يىلى 22-سىنتەبىر شى جىنپىڭ ئامېرىكىنىڭ سىئاتېلدا نۇتۇق سۆزلەپ، «تيۇسىدىدېس قىلتىقى» سەپسەتىسىگە بىۋاسىتە ئىنكاس قايتۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: دۇنيادا ئەسلى «تيۇسىدىدېس قىلتىقى» يوق ئىدى، ئەمما چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ستراتېگىيەلىك خاتا ھۆكۈملەر بولۇۋەرگەچكە، ئۆزىگە ئۆزى «تيۇسىدىدېس قىلتىقى» پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بىز ئامېرىكا بىلەن ستراتېگىيەلىك يۆنىلىش، تەرەققىيات يولىغا بولغان چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چۈشىنىشنى كۆپەيتىپ، ئىختىلاپلارنى ئازايتىش، ئىشەنچنى كۆپەيتىپ، گۇماننى ئازايتىشنى، ستراتېگىيەلىك خاتا چۈشەنچە، خاتا ھۆكۈملەردىن ساقلىنىشنى خالايمىز.

جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا «تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمكارلىق»نى قانات يايدۇرۇش ھەم ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەختى، ھەم رايون ۋە دۇنيانىڭ بەختى.

«جۇڭگو ئېغىر ئۇيقۇدىكى شىر، بۇ شىر ئويغانغاندا، دۇنيانى تىترىتىدۇ». يېقىنقى يىلاردىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، «شىر ئويغىنىش قارىشى» ياۋروپادا ناھايىتى بازار تاپتى. جۇڭگو-ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا ئالاقە، ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش تېخىمۇ جىددىي بولۇپ قالدى.

2014-يىلى 31-مارت، شى جىنپىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باش ئورگىنىغا زىيارەتكە باردى، بۇ جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان جۇڭگو دۆلەت رەھبىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى باش ئورگىنىدا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى. شى جىنپىڭ زىيارەت مەزگىلىدە «كۆۋرۈك»نى مىسال قىلىپ، جۇڭگونىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بولغان سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھىيلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز تىنچلىق، ئېشىش، ئىسلاھات، مەدەنىيلىكتىن ئىبارەت تۆت كۆۋرۈكنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشىمىز، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يەرشارى تەسىر كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك ئومۇميۈزلۈك ستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشىمىز لازىم.

بېرلىن، پارىژدىن لوندونغىچە، شىمالىي قۇتۇپقا يېقىن فىنلاندىيەنىڭ ھېلسىنكىدىن ئېگەي دېڭىزى بويىدىكى گىرىتسىيەنىڭ رودېس ئارىلىغىچە، شى جىنپىڭنىڭ زىيارەت قەدىمىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى تارىخىنىڭ يېڭى سەھىپىلىرى بىر-بىرلەپ ئېچىلدى.

2014-يىلى 27-مارت، شى جىنپىڭ پارىژدا جۇڭگو-فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە: جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ شىر ئاخىرى ئويغاندى، ئەمما ئۇ تىنچلىقپەرۋەر، سۆيۈملۈك، مەدەنىي شىر، دېدى.
جۇڭگو نۇسخىسىدىكى بۇ «شىر ئويغىنىش قارىشى» ياۋروپانىڭ جۇڭگوغا بولغان تونۇشى ۋە چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

جۇڭگو دۇنيادا قوشنىلىرى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئەتراپتىكى دۆلەتلەر جۇڭگو ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

2013-يىلى 10-ئايدا، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى ئەتراپ دىپلوماتىيە خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، شى جىنپىڭ يىغىندا «يېقىنچىلىق، سەمىمىيلىك، مەنپەئەتدارلىق، كەڭ قورساقلىق»تىن ئىبارەت ئەتراپ دىپلوماتىيەسى ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەتراپ دىپلوماتىيەسى دۇچكەلگەن زور مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ خىزمەت تەپەككۈرى ۋە يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

بەش يىلدىن بۇيان، شى جىنپىڭنىڭ زىيارەت مۇساپىسىنىڭ يېرىمى ئەتراپتىكى دۆلەتلەردە بولۇپ، جۇڭگونى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكلىدى. جۇڭگو دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداش بىلەن بىرگە، «يېقىنچىلىق، سەمىمىيلىك، مەنپەئەتدارلىق، كەڭ قورساقلىق»تىن ئىبارەت دىپلوماتىيە ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، قوشنىلىرىغا چىن دىلىدىن سەمىمىي بولۇپ، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە تەرەققىياتنى كۆزلەپ، ھەمكارلىق پايدىسىنى بىرلىكتە كۆپەيتىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاقلاشتى.

جۇڭگو-ئافرىقا دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. 2013-يىلى 24-مارت شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسىلىكىگە سايلىنىپ 10 كۈن بولغاندا ئافرىقىغا زىيارەتكە باردى.

شى جىنپىڭ تانزانىيەنىڭ نىرېر خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە نۇتۇق سۆزلىگەندە مۇنداق دېدى: بىز ئافرىقىلىق دوستلارغا راستچىل مۇئامىلە قىلىمىز؛ ئافرىقا بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىشىمىز؛ جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ دوستلۇقىنى قېرىنداشلارچە كۈچەيتىمىز؛ ھەمكارلىق داۋامىدىكى مەسىلىلەرنى سەمىمىيلىك بىلەن ھەل قىلىمىز.

راستچىللىق، ئەمەلىيەتچىللىك، يېقىنچىلىق، سەمىمىيلىك»تىن ئىبارەت جۇڭگونىڭ ئافرىقا بىلەن بىر-بىرىنى قوللاش، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىش ئارزۇسى ئافرىقىلىق قېرىنداشلارنى تەسىرلەندۈردى.

لاتىن ئامېرىكىسى، يەنە بىر گۈزەل، مۇنبەت توپراق، شۇنداقلا دۇنيادىكى تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور گۈللىنىۋاتقان رايونلارنىڭ بىرى. 2014-يىلى بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە، شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىدە «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، 2014-يىلى شى جىنپىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ باراۋەر ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىدىغان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشنى قارار قىلدى، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرى قۇرغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇمۇ جۇڭگو تەشەببۇس قىلغان، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە يۈزلەنگەن رايون كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق رامكىسىنىڭ يەرشارىنى قاپلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

2016-يىلى 21-يانۋار شى جىنپىڭ زىيارەت مەزگىلىدە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش ئورگىنىدا مۇھىم نۇتۇق سۆزلىگەندە مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا شەرق مۇنبەت توپراق. ئەمما بىزنى ئېچىندۇرىدىغىنى بۇ جاي ھازىرغىچە ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشتىن قۇتۇلالمىدى. ئوتتۇرا شەرق قاياققا ماڭىدۇ؟ بۇ دۇنيا كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان «ئوتتۇرا شەرق سوئالى». توقۇنۇش ۋە ئازاب-ئوقۇبەت ئازىيىشى، خاتىرجەملىك ۋە ئىززەت-ھۆرمەت كۆپىيىشى كېرەك، بۇ ئوتتۇرا شەرق خەلقىنىڭ تەلپۈنىشى.

ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقىدىن ئىبارەت بۇ تۈگۈننى يېشىش ئۇنچە تېز ھەل بولىدىغان مەسىلە ئەمەس. ئەڭ باش ئاغرىتىدىغان قىزىق مەسىلىلەرگە يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلىش جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان دىپلوماتىيە خىسلىتى ۋە مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلدى.

بەش يىلدىن بۇيان شى جىنپىڭ چوڭ دۆلەتلەر، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە 28 قېتىم زىيارەتكە چىقتى، ئۇنىڭ ئاياق ئىزى بەش قىتئەنى قاپلىدى، ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى بىلەن دىپلوماتىيە ئالاقىسى قىلىپ، جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنى مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەتتە ستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىق ئورنىنى باشتىن-ئاياق ساقلاشقا يېتەكلىدى.

دىپلوماتىيە مىنسىتىرى ۋاڭ يى مۇنداق دەيدۇ: جۇڭگو دىپلوماتىيەسى پائال تىرىشىپ، رولىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك، كۆپ قاتلاملىق ۋە ستىرېئولۇق ستراتېگىيە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تاماملىدى. بىز 97 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات بىلەن ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتتۇق، جۇڭگونىڭ «دوستلۇق چەمبىرىكى» بارغانسېرى چوڭىيىۋاتىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ.

يالغۇز يۈرگەن تېز يۈرەر، ئوپچا يۈرگەن يىراققا ئۇزار. بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش يادرو قىلىنغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، «21-ئەسىردە خەلقئارا مۇناسىۋەت قاياققا ماڭىدۇ» دېگەن بۇ دەۋر تېمىسىگە جۇڭگونىڭ جاۋابىنى بەردى. جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك دىپلوماتىيە ئورۇنلاشتۇرۇشى يېڭىدىن كېڭىيىپ، جۇڭگونىڭ يەرشارى شېرىكلىك مۇناسىۋەت تورى تېخىمۇ قويۇقلاشتى.