«دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەش»
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار تۇردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-31 12:24

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىخەتەرلىكنىڭ ئىككى چوڭ ئىشىنى بىر تۇتاش تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دىپلوماتىيە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ قالدۇردى. بۈگۈن «چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى» ناملىق 6 قىسىملىق سىياسىي ئوبزورنىڭ «دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەش» ماۋزۇلۇق 3-قىسمىنى ئاڭلىتىمىز.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئومۇملۇقنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، بىخەتەرلىكنىڭ ئىككى چوڭ ئىشىنى بىر تۇتاش تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دىپلوماتىيە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ قالدۇردى. بۈگۈن «چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى» ناملىق 6 قىسىملىق سىياسىي ئوبزورنىڭ «دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەش» ماۋزۇلۇق 3-قىسمىنى ئاڭلىتىمىز.

بۇ يىل بىرىنچى ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى باش ئورگىنىدا زىيارەتتە بولدى. ئۇ دۆلەتلەر سارىيىدا باش مەقسەتتە سۆز قىلغاندا، قويۇق شىۋېيتسارىيە تۈسىنى ئالغان ئوخشىتىش ئارقىلىق، دۇنيا ئەھلىگە ئىنسانلارنىڭ ئورتاق تېمىسى ئۈستىدە قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىزدىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە يولغا قويۇشچانلىقىنى شەرھلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئەگەر بىز بۇ دۇنيايىمىز ئۈچۈن، ناھايىتى ئىنچىكە ئىشلەنگەن شىۋېيتسارىيە ھەربىيلەر پىچىقى ياساپ چىقالىغان بولساق، تولىمۇ ئوبدان بولغان بولاتتى. ئۇ چاغدا ئىنسانلار قانداق مەسىلىگە دۇچ كەلسە، پىچاق ئىچىدىكى بىر ئەسۋاب ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلالايتتى. مەن خەلقئارا جەمئىيەت ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسەتسىلا، مۇشۇنداق بىر شىۋېيتسارىيە ھەربىيلەر پىچىقىنى ياساپ چىققىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسى ۋە كۈنسېرى روشەنلىشىۋاتقان يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلە ئالدىدا، شى جىنپىڭنىڭ يەر شارى بويىچە تۈزەش ئىدىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى، تېخىمۇ ئادىل ۋە مۇۋاپىق بولغان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، تەكشى بولغان يەر شارى بويىچە تۈزەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش تەشەببۇسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دائىرىدە ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئومۇميۈزلۈك ماختىشىغا ئېرىشتى. جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئورنى، خەلقئارادىكى سۆز قىلىش ھوقۇقى، خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن يۈكسەكلىككە كۆتۈرىدۇ.

دەۋر جۇڭگو دىپلوماتىيەسىگە يېڭى بۇرۇچ ئاتا قىلدى، جۇڭگو ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بۇ نىشانلارنىڭ ئىشقا ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئاسايىشلىقىنى قوغداش چوڭ دۆلەتلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى ۋە ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك ئىشى. جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ليۇ جېيى مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى، بىز خەلقئارادىكى ماجىرالارنى تىنچلىق ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىشنى، كىرىزىسلارنى سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياراشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشتىكى غوللۇق رولىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىمىز.

2015-يىلى 26-سېنتەبىر، شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىيۇيوركتىكى باش ئورگىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات باشلىقلار يىغىنىدا، تۇنجى قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نۇتۇق سەھنىسىگە چىقتى، پۈتۈن دۇنيا ئۇنىڭغا كۆز تىكتى. بۇ دەل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىنىڭ مۇددىتى توشىدىغان، 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى باشلىنىدىغان، 17 تۈرلۈك ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانى ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى 15 يىللىق ئورتاق تەرەققىيات كەلگۈسى ئىستىقبالىنى كۆرسىتىپ بەرگەن، جۇڭگو تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىش ۋە ھەقىقىي ھەرىكەت قوللىنىش ئارقىلىق «تەرەققىيات»تىن ئىبارەت ئىنسانىيەتنىڭ بۇ ئورتاق تېمىسىنى شەرھىيلەۋاتقان پەيتكە توغرا كەلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: پەقەت تەرەققىي قىلغاندىلا توقۇنۇشنىڭ يىلتىزىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ. پەقەت تەرەققىي قىلغاندىلا ئىنسانلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. پەقەت تەرەققىي قىلغاندىلا، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان قىزغىن ئىنتىلىشىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ. كەلگۈسىگە قارىتا، جۇڭگو ھەققانىيەت ۋە مەنپەئەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، مەجبۇرىيەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش پىرىنسىپىغا داۋاملىق ئەمەل قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، 2015-يىلىدىن كېيىنكى تەرەققىيات قارالمىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.

شى جىنپىڭنىڭ نۇتقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سەھنىسىدە كۈچلۈك ئورتاق ئىنكاس قوزغىدى. نۇتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 20-30 دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقى ۋە يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر كارىدوردا شى جىنپىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنى كۈتۈپ تۇردى.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا شىۋىتسارىيىنىڭ داۋۇستا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2017-يىللىق ئېچىلىش مۇراسىمىدا شى جىنپىڭ جۇڭگو تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشىنىڭ ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش، باراۋەر ، تەڭ يېڭىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا توغرا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىپ، تەسىر كۈچىنى پۈتۈن دۇنياغا تارقاتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ئەزەلدىن داغدام بولۇپ باققىنى يوق، ئىنسانلار جاپالىق كۈرەش مۇساپىسىدە ئىلگىرىلىمەكتە، قىيىنچىلىق قانچە چوڭ بولسىمۇ ئىنسانلارنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى توسالمايدۇ. تارىخنى قەھرىمانلار يارىتىدۇ.

جۇڭگونىڭ تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە ۋە ئىجابىي قىياپەتتە دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا ئاتلىنىشىغا ئەگىشىپ، يەر شارىنى ئىدارە قىلىش بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ كۆپ قوللىنىشچان سۆزىگە ئايلاندى.

مۇئاۋىن سودا مىنىستىرى ۋاڭ شوۋۋېن مۇنداق دېدى: 2014-يىلى جۇڭگو يەنە بىر قېتىم ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى بىرەسمىي يىغىنىنى ئۆتكۈزدى. بېيجىڭ يەنچى كۆلى ساھىلىدا ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى 100 نەچچە تۈرلۈك ھەمكارلىق تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭ ئىچىدە يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ساھىبخان دۆلەت جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويدى.

ۋاڭ شوۋۋېن مۇنداق دېدى: ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىسادى، سودىسى ۋە مەبلەغ سېلىشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلدى، كونكرېت يول خېرىتىسى تۈزۈلدى، بۇنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن چوڭ دېيىشكە بولىدۇ.

2016-يىلى 9-ئايدا جۇڭگونىڭ ئاساسى مەيدان دىپلوماتىيەسى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تارىخى پەيتنى كۈتۈۋالدى، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 11-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلدى. رەئىس شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى سودا-سانائەت باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى چىيەنتاڭجاڭ دەرياسى بويىغا جەم بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئاۋانگارتى بولۇپ، ئەقىل-پاراسىتىمىز ئارقىلىق دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا باشلامچىلىق قىلىپ، يەر شارى ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىشتا يېڭى سەھىپە ئېچىشىمىز كېرەك.

كۆڭلىگە دۇنيانى پۈكۈشتەك جۇڭگو ئېڭى ئىنسانلار ئارزۇسىنى تۇتاشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ يۈرەك تارىنى چەكتى. بۇ يىل 1-ئايدا شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى باش ئورگىنىدا «ئىنسانلار تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە كېڭىشىش، بىرلىكتە بەرپا قىلىش» يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئەزا دۆلەتلەر، خەلقئارا تەشكىلات، ئاپپاراتلار بىلەن بىرگە، ئىنسانلار تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش ئۇلۇغ مۇساپىسىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

جۇڭگو يەر شارىنى تەرتىپكە سېلىش مۇساپىسىگە پائال قاتناشماقتا ھەمدە يېتەكچىلىك قىلماقتا. ئىنسانلار تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق، تىنچلىق قىزىل رەقىمى، تەرەققىيات قىزىل رەقىمى، تەرتىپكە سېلىش قىزىل رەقىمىنى يېشىش يۆنىلىشى ۋە يولىنى كۆرسىتىپ بەردى. دۇنيا سەھنىسىدە، جۇڭگو ھېكايىسى، جۇڭگو ئەقىل پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسى غايەت زور جەلپ قىلىش كۈچى، چاقىرىق كۈچى، ھاياتى كۈچىنى نامايەن قىلماقتا.