پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش ھەققىدىكى 16 لېكسىيە
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ھۆججەت تەتقىقات ئىشخانىسى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ھەققىدىكى بايانلىرىدىن تاللانما» دېگەن كىتاب يېقىندا مەركىزىي ھۆججەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.
ئەينى ۋاقىتتا نېمە ئۈچۈن مىزان تۈزۈلگەن؟ بۇنىڭدىكى مەقسەت- مەدەنىيەت زور ئېنىقىلاۋىنىڭ ساۋاقلىرىنى خۇلاسىلەپ، مۇشۇ تۈردىكى خاتالىقنىڭ يەنە يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. بۇ مىزامغا ھازىر قارايدىغان بولساقمۇ، نۇرغۇن مەزمۇنلارنىڭ ناھايىتى ياخشى ئېكەنلىگىنى بايقايمىز، ئالايلۇق، دىموكراتىك مەزكەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئىدىيىۋى لۇشىيەنى، بۇلارنىڭ چوقۇم ۋاقتى ئۆتمەيدۇ. ئەمما ئاشۇ يىللاردىكى بىر قىسىم مەسىلىلەر
بۇ قېتىم «مىزان»دىكى كوممۇنىزملىق ئۇلۇغۋار غايە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئورتاق غايىسىنى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ روھىي تۈۋرۈكى ۋە سىياسىي ئەڭگۈشتىرى شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى ساقلاشنىڭ ئىدىيە ئاساسى دېيىشكە بولىدۇ، مېنىڭچە بۇ ناھايىتى ياخشى ئېيتىلغان گەپ. ئادەمنىڭ بارلىق ھەرىكىتى ئىدىيە، كۆز قاراشلارنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا بارلىققا كېلىدۇ. غايە-ئېتىقاد، ئىنتىلىش بولغاندىلا، ئاندىن نىشان، روھ بولىدۇ
بۇ قېتىم «مىزان»دا، پارتىيەنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇش ئالاھىدە تەكىتلەندى. بۇ ئاساسىي لۇشيەن 1987-يىلى پارتىيەنىڭ 13-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن، ئۇنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى-ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىش، تۆت ئاساسىي پىرىنسىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، بىز بۇنى قىسقارتىپ «بىر مەركەز، ئىككى ئاساسىي نۇقتا» دەپ ئاتىغان ئىدۇق.
بۇ قېتىمقى «مىزان »دا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداش ئالاھىدە تەكىتلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ بۇيرۇقىغا قاتتىق ئەمەل قىلىش- پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، بۇ پۇتۇن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى، شۇنداقلا پارتىيە ئىچى سىياسىي تۇرمۇشىنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم مەقسەت دەپ ھېسابلاندى.
«مىزان»دا پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىنى چىڭىتىش ئالاھىدە تەكىتلىنىپ مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: ئىنتىزامدا چىڭ بولۇش - پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىر تۇتاش ھەرىكەت قىلىش، ماس قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، پارتىيە ئىچى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. چوقۇم پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ ، ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش كېرەك.
بۇ قېتىم مىزاندا پارتىيە بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاش ئالاھىدە تەكىتلەندى، پارتىيەمىز بۇنى داۋاملاشتۇرۇشتا، خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايىسى، قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ؛ خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايىسى، قوللىشىغا ئېرىشىشتە، پارتىيەمىز چوقۇم ئۆزىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىنى ياخشى قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى تېرىشىپ رازى قىلىشى كېرەك.
ئەگەر بىز بۇ خىل تۈزۈمدە چىڭ تۇرساق، بۇ تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرسەك، ئۇنداقتا بىز ھەم دېموكراتىك ئەۋزەللىككە ھەم ئىجرا قىلىش، مەركەزلەشتۈرۈش جەھەتتىكى ئەۋزەللىككە ئىگە بولىمىز. بىز ئادەم تاللاش، ئىشلىتىش مەسىلىسى، تەدبىر بەلگىلەش مەسىلىسىدە دېموكراتىك بولىمىز، بۇ-دېموكراتىك جەريان، دېموكراتىك تەرتىپ ئارقىلىق چىقىرىلىدۇ؛ ئەمما بىز تەدبىر بەلگىلەپ بولغاندىن كېيىنكى ئىجرا باسقۇچىدا، بويسۇنۇش، ئىنتىزامنى تەكىتلەيمىز
بۇ قېتىمقى «مىزان»دا پارتىيە ئىچىدە دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش تەكىتلىنىپ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە- پارتىيىنىڭ جېنى، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ ئىجابىي ۋە ساغلام بولغان مۇھىم ئاساسى، دەپ ھېسابلاندى «مىزان» نېمە ئۈچۈن پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە شۇنچە تەكىتلىنىدۇ؟ بۇنى مەن پارتىيىمىزنىڭ 80 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى بار، ھەربىر پارتىيە ئەزاسى پارتىيە
«مىزان»دا نېمە ئۈچۈن ئادەم تاللاش، ئىشلىتىش مەسىلىسى شۇنچە تەكىتلىنىدۇ؟ مېنىڭچە ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ يېتەكلەش رولىنىڭ بولغانلىقىدا. ئەگەر بىز ئادەم تاللاش، ئىشلىتىشتە، پارتىيە ئىزچىل تەكىتلەپ كەلگەن جاي-جايلاردىن تاللاش، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ياخشىلىرىنى ئىشقا قويۇش تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلساق، تاللاپ چىققان كادىر چوقۇم ياخشى كادىر بولىدۇ، يىتەكلەش يۆنىلىشىمۇ ياخشى بولىدۇ. بۇنداق تاللىمىغاندىچۇ؟
تەشكىلىي تۇرمۇش-ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى قاتنىشىشقا، دائىم قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئىش. مىزاندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى، جۈملىدىن رەھبىرى كادىرلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە تەشكىلىنىڭ سىرتىدا قالسا بولمايدۇ، پارتىيە تەشكىلىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇۋالسا تېخىمۇ بولمايدۇ، ھەممىسى پارتىيەنىڭ مەلۇم بىر كونكرېت تەشكىلىي تۇرمۇشىغا قاتنىشىشى كېرەك. سىزنىڭ ۋەزىپىڭىز قانچىلىك يۇقىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر
تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىش-جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئېسىل ئىستىللىرىنىڭ بىرى. مەسىلەن: دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا، ئەگەر ئاساسلىق رەھبەرلەر باش بولۇپ ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىپ، خىزمەتلەردىكى يېتەرسىزلىكلەرنى، ئۆز خىزمىتىدىكى يېتەرسىزلىك جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى سۆزلىسە، ئارقىدىن مۇشۇ ئاساستا يەنە تەنقىدنى قانات يايدۇرۇپ، باشقا يولداشلارنى تەنقىد قىلسا، باشقا يولداشلارمۇ بۇنداق تەنقىدنى ئاسانلا قوبۇل قىلالايدۇ
«مىزان»دا ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە بولغان چەكلىمە ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش ئالاھىدە تەكىتلىنىپ، نازارەت قىلىش — ھوقۇقنى توغرا يۈرگۈزۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرى، دەپ قارالدى. بۇ تەلەپ ئىنتايىن توغرا ۋە ناھايىتى قاتتىق. نازارەت قىلىشتا ھەر قانداق ئادەمنى بۇنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇشقا بولمايدۇ، ئەگەر نازارەتچىلىكنى قوبۇل قىلمىسا
بۇ قېتىمقى «مىزان»دا پاك-دىيانەتلىك بولۇشتەك سىياسىي خىسلەتنى ساقلاش ئالاھىدە تەكىتلىنىپ، پاك سىياسىي بەرپا قىلىش، چىرىكلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش- پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ قېتىم پاك-دىيانەتلىك بولۇش جەھەتتە، رەھبىرىي كادىرلار خەلقنىڭ چاكىرى بولۇش، ئالاھىدە ھوقۇقى بولماسلىق، بولۇپمۇ ئىمتىيازغا قارشى تۇرۇش ئالاھىدە تەكىتلەندى.
بۇ قېتىم 6-ئومۇمىي يىغىندا يەنە «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچى نازارەتچىلىك نىزامى» ماقۇللاندى، بۇ-تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نازارەتچىلىك نىزامى بولدى، 2003-يىلى «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچى نازارەتچىلىك نىزامى» ئېلان قىلىنغان. پارتىيەنىڭ نازارەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، بۇرۇنقى نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرى
نىزامدا پارتىيەنىڭ مەركەز تەشكىلىنى نازارەت قىلىشى مەخسۇس بېكىتىلىپ، مەركەز تەشكىلىنى نازارەت قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش گەۋدىلەندۈرۈلدى. نىزامدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى مەركەزنىڭ تەكشۈرۈش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، بىر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە مەركەزنىڭ تەكشۈرۈشى بىلەن تولۇق قاپلىشى كېرەك