پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى نامرات نوپۇس ۋە نامرات رايونلارغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلدى ۋە ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان نۇرغۇن مىللىي رايونلاردا تەكشۈرۈش ۋە زىيارەتتە بولۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەققىدە بىر قاتار يوليورۇقلارنى بەردى. يۈننەن، گۈيجۇدىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر كەڭ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ۋەزىپىسى مۇشەققەت. مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر رادىيوسىنىڭ مۇخبىرلىرى ئىككى جايدىكى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شۇ يەرنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە يەر شارائىتىغا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، ئاممىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشلاپ باي بولۇشتىكى جەريان ۋە نەتىجىلىرىنى زىيارەت قىلىپ خاتىرىلىدى.