شىنجاڭ كەلگۈسى بەش يىللىق داۋالاش سەھىيە مۇلازىمىتى سىستېمىسى پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-17 17:34

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېقىندا «ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش سەھىيە مۇلازىمىتى سىستېمىسىنىڭ 2016-يىلىدىن 2020-يىلغىچە بولغان پىلانىنى» تارقىتىپ، 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك داۋالاش سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى. پىلاندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 13- بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ داۋالاش سەھىيە مۇلازىمىتى سىستېمىسىنىڭ تەرەققىياتى كېسەل بولۇپ قالسا كۆرسىتىدىغان دوختۇرخانا بولۇشتا داۋاملىق يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەممە كىشى ئاساسى داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىقى ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە شىنجاڭ ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەلىرىنىڭ كۆلىمىنى كونترول قىلىپ، كېسەللەرنىڭ ئالدى بىلەن ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش سەھىيە ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىشىگە مەدەت بېرىدۇ ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش سەھىيە ئاپپاراتلىرى تەدرىجىي ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيە، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كېسەللەرنى ئاسراش قاتارلىق مۇلازىمەتلىرىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

شىنجاڭدا ياشانغان نوپۇسنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، «پىلاندا» مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شىنجاڭ بىردىن ئىككىگىچە ياشانغانلار كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنى تەسىس قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ياشانغانلارنى داۋالاش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى داۋالاش مۇلازىمىتى سىستېمىسى پىلانى قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزىدۇ.

بالىلار بۆلۈمى دوختۇرلىرىنىڭ كەمچىل بولۇش، بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ ئاز بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا، «پىلاندا» كەلگۈسى بەش يىلدا ئاپتونوم رايونلۇق بالىلار دوختۇرخانىسى تەسىس قىلىش، ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست شەھەرلەر بىردىن بالىلار دوختۇرخانىسى تەسىس قىلسا بولىدۇ دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

پىلاندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: 2020-يىلغىچە بارلىق مەھەللە سەھىيە مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرى، يېزا بازارلىق شىپاخانىلار ۋە %70 كەنت شىپاخانىسى ماس كېلىدىغان جۇڭگوچە تېبابەت مىللىي تېبابەت دورا مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى كېرەك.