شىنجاڭدىكى نامرات رايونلاردىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمى كۆپەيدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-20 16:57

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

ئۆتكەن يىلى شىنجاڭدىكى نامرات رايونلاردىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمى كۆپىيىپ، ئېشىش سۈرئىتى ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ ئېشىش سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى.

16-مارت دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئايان بولۇشىچە، 2016-يىلى شىنجاڭدىكى نامرات رايونلاردىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىلىكىدىكى كىرىمى 8055 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا 714 يۈەن كۆپىيىپ، %9.7 ئاشقان.

پەيزىۋات ناھىيەسىنىڭ شاپتۇل يېزىسىدىكى مەمەتجان تۇرغۇن ئائىلىسىنىڭ ئاساسلىق كىرىمى باقمىچىلىق ۋە يەر تېرىشتىن كېرىدۇ. ئۆتكەن يىلى ئۇ پاختىنى چىگىتتىن ئايرىش خىزمىتىنى تاپتى، 9-،10-ئايلاردىكى پاختا تېرىش مەزگىلىدە ئۇنىڭ ئايلىق كىرىمى 3مىڭ يۈەنگە يەتتى.

پۈتۈن شىنجاڭدىكى نامرات رايونلاردا مەمەتجانغا ئوخشايدىغانلار ناھايىتى كۆپ، ئۇلار ئۇزاق مەزگىللىك ياكى ۋاقىتلىق خىزمەت تېپىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇردى.

تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى شىنجاڭدىكى نامرات رايونلاردىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى خاراكتېردىكى كىرىمى 2463يۈەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلغا قارىغاندا %9.9ئاشقان. سىياسەت خاراكتېرلىك تۇرمۇش تولۇقلىمىسى، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش تولۇقلىمىسى، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ۋە تولۇقلىما قاتارلىقلاردىن ئېرىشكەن ساپ كىرىمى 1721 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا %27.5ئاشقان.

تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، نامرات رايون يېزىلىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ تىجارەت ساپ كىرىمىنىڭ ئېشىشى ئاستا، ئىش ھەققى خاراكتېرلىك كىرىمى ۋە يۆتكەپ چىقىم قىلىشتىن ئېرىشكەن ساپ كىرىمىنىڭ ئېشىش كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان. تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ يېزا ئاھالىلىرى كىرىم قۇرۇلمىسىنىڭ مۇۋاپىقلاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى.

تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئىشلەپچىقىرىش بايلىقى ئاز دېھقانلارغا يەرنى ھۆددىگە بېرىشكە، چارۋىلارنى ۋاكالىتەن بېقىشقا، ئېشىندى ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نامرات رايونلاردىكى دېھقانلارنىڭ ھۆكۈمەتتىن ئېرىشكەن تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش تولۇقلىمىسىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئىش ھەققى خاراكتېرلىك كىرىمى ۋە يۆتكەپ چىقىم قىلىش ساپ كىرىمى تەدرىجىي ئاشقان.

شىنجاڭدىكى نامرات رايونلاردىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم قۇرۇلمىسى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە تۇرماقتا. يېقىنقى ئۈچ يىلدىكى تارىخى سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، شىنجاڭدىكى نامرات رايونلاردىكى دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى خاراكتېرلىك كىرىمىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئاستا كۆپەيگەن، 2014-يىلدىكى %29.3تىن تەدرىجىي ھالدا 2016-يىلى %30.6 ئۆرلىگەن، يۆتكەپ چىقىم قىلىش ساپ كىرىم نىسبىتى تەدرىجىي ئاشقان، كىرىم قۇرۇلمىسى يەككە ھالدىكى كىرىم مەنبەيىدىن تەدرىجىي ھالدا كۆپ مەنبەلىككە قاراپ تەڭشىلىشكە يۈزلەنگەن.