"تەكلىماكاندىكى ناغرا ئاۋازى" تۇنجى مەيدان قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-19 09:14

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

"تەكلىماكاندىكى ناغرا ئاۋازى" فىلىمى 17-ئاپرېل خەلق سارىيىدا تۇنجى مەيدان قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. بۇ فىلىمدە شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش رېئاللىقى سىيۇژىت قىلىنغان، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقى، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى ۋەزىيەت سەنئەت شەكلى بىلەن نامايەن قىلىنغان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىسىنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قول تۇتۇشۇپ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئالغا ئىلگىرىلىگەن ياخشى روھى قىياپىتى ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھى ئىپادىلەنگەن.

يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى 300 مىڭغا يېقىن كادىر ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئون مىڭدىن ئارتۇق يېزا، مەھەللىگە بېرىپ، ئەل رايونى ئىگىلەپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئەل رايىنى مۇجەسسەملەشتەك يېزىدا تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي شىمالىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ياسىدى، خىزمەت ئەترىتى ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، قەلبداش، نەپەسداش، تەقدىرداش بولدى، تىللادا داستان بولغۇدەك نۇرغۇن كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ھېكايىلەر يۈز بەردى.

فىلىمدە بىر شەخسنىڭ تەقدىرى ئاساسلىق يىپ ئۇچى قىلىنغان بولۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چەت ياقىسىدىكى بىر تاغلىق كەنتتىكى قىزچاقنىڭ ئۇسسۇلچى بولۇش ئارزۇسىنى چۆرىدەپ ۋەقەلىك تەرەققىي قىلدۇرۇلغان، شىنجاڭ خەلقنىىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىزدىنىش يولىدىكى تەسىرلىك ھېكايە بايان قىلىنغان. بۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن، مۇتەخەسسىسلەر ۋە ھەر ساھە ئاممىسى مۇنداق دېيىشتى: بۇ فىلىمدىكى ئاساسىي رىتىم شۇكى سەنئەتلەشتۈرۈش ئۇسلۇبى بىلەن ناھايىتى كۆپ يىپيېڭى ئىزدىنىش ۋە سىناقلار ئېلىپ بېرىلىپتۇ، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ گۆھەر زېمىندىكى تۇرمۇش ۋە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ، مىللەتلەر ئىناقلىقى، تەرەققىياتىدىن ئىبارەت دەۋر ئاساسىي مېلودىيەسى ياڭرىتىلىپتۇ.